تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەتنىڭ باش كاتىبات باشقارمىسى ئىستانبۇلدا تەسىس قىلىنىدۇ
2009-02-21
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيە، مىسىر، ئىران، باڭگلادېش، ھىندونىزىيە، مالايسىيا، پاكىستان ۋە نېگىرىيىدىن تەركىپ تاپقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەتنىڭ باش كاتىبات باشقارمىسى ئىستانبۇلدا تەسىس قىلىنىدۇ.
بۇ ھەقتىكى كېلىشىمنامە، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئىمزالاندى.
تەرەققىي قىلىش يولىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنىشى ھەمدە تۈركىيىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، 1996 – يىلى تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت گۇرۇھى قۇرۇلغانىدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=855f8a62-e18f-411e-8aba-e39e9dcca1d4