جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، كېنىيىدە زىيارەتتە بولماقتا
2009-02-21
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيىنىڭ ئافرىقىغا قارىتا ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى يۇقىرى سەۋىيىدە داۋام قىلماقتا.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنىڭ دەسلەپكى بېكىتى كېنىيىدە زىيارەتتە بولماقتا.
تۈركىيىنىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىسى گۈل، خەلقئارا جەمئىيەتنى يەر شارى خاراكتېرلىك كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئافرىقىغا تېخىمۇ كۆپ يارەدم قىلىشقا چاقىردى.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، نەيروبى ئايرودورۇمىدا رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ داغدۇغۇلۇق ھالدا كۈتۈۋېلىندى.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ نەيروبىدىكى تۇنجى بېكىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىدى.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، بۇ يەردە كېنىيە جۇمھۇر رەئىسى مۋىئاكى كىباكى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. گۈل بۇ يەردە شەرەپ دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.
ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پۇقرالار ئاۋىئاتىسىيىسى ۋە سەھىيە ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنامە ئىمزالاندى.
كېلىشىمنامىگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەت ئوتتورىسىدا رەسمىي پاساپورتتا ۋىزا بولمىسىمۇ بولىدۇ.
كېلىشىمنامە دائىرىسىدە ئىستانبۇل – نەيروبى ئوتتۇرىسىدا تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى رەسمىي قاتناش باشلىدى.
جۇمھۇر رەئىسى گۈلنىڭ كېنىيە زىيارىتىدە دۆلەت مىنىستىرى سائىت يازىجىئوغلى، قاتناش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ۋە كۆپ ساندىكى سودا – سانائەتچىلەر بىللە بولدى.
كېنىيە جۇمھۇر رەئىسى كىباكى، گۈلنىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بەردى.
گۈل زىياپەتتە، تۈركىيىنىڭ ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىق، دوستلۇق ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئافرىقا قىتئەسىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۆز قىيىنچىلىقلىرىمىز، دەپ قارايمىز. شۇنداقلا ئافرىقا خەلقىنىڭ غەم – قەيغۇسى بىزنىڭ غەم – قايغۇمىز. ئافرىقا خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتىغا ئېرىشىشى بىزنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىدۇ.»
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ئافرىقا قىتئەسىگە بولۇپمۇ ئوزۇق – تۈلۈك يېتەرسىزلىكى ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارشى كۈرەشكە سەلبى تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
گۈل، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئافرىقا قىتئەسىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
گۈل، كېنىيىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان تانزانىيىنى زىيارەت قىلىدۇ.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=4cce0344-d623-4bd1-9a01-c02216ebbd3a