ئالجىرىيە - ماراكەش چېگرىسى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلدى
2009-02-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: فاس بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى 15 يىلدىن بىرى تاقىلىپ ياتقان چىگرا غەززەگە ياردەم توشۇيدىغان يۈك ئاپتومۇبىللىرىنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىىلدى.
ئاپتومۇبىللاردا دورا، يېمەك ـ ئىچمەك، كېيىم ـ كېچەك ۋە ئويۇنچۇقلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئاپتومۇبىللارنىڭ مىسىردىن ئۆتۈپ مارت ئېيىدا غەززەگە يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا، 1994 يىلى فاسنىڭ «ئالجىرىيە ماراكەشتىكى مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغان ئىدى.
بۇ جەرياندا مىسىرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ۋە غەززەدىن چىقىپ كېتەلمەي قالغان باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئاچقانلىقى مەلۇم بولدى.
چېگىرىدىن 500 نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، جەمئىي 1000 غا يېقىن كىشىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى ۋە ئەتىمۇ 800 گە يېقىن كېسەلنىڭ ئۆتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىسىر 2007 ـ يىلى غەززەنىڭ كونتروللىقى پۈتۈنلەي ھاماسنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن چېگرىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.
شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئېغىز پات ـ پات ۋاقىتلىق ھالدا ئېچىلىپ تۇرىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=b21f3aaf-6f9d-484b-8e35-d4165827f18e