ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا پۇقرالارنى نىشانغا ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى
2009-02-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ھىرات ۋىلايىتىدە ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكىتىدە ئۆلگەن 16 كىشىدىن 13 ىنىڭ پۇقرا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئۆلگەنلەرنىڭ قوراللىق كۈچلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
ئامېرىكا تەرەپ، ئافغانىستان مەسئۇللىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆلگەنلەر ئىچىدە 6 ئايال بىلەن 2 كىچىك بالىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتە، ئۆلگەنلەردىن 13 ـنىڭ پۇقرا، ئۈچىنىڭ قوراللىق كۈچلەرگە مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=9252bdbe-c44c-4724-9330-745a5d09724e