تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 22.02.2009
2009-02-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئەمدى بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
زامان گېزىتى، ئافرىقىنىڭ ئىككى دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەسمىي زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى كېنىيىدە ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ پايتەخت نايروبىدا ئۆتكۈزۈلگەن سودا يىغىنىدىكى نۇتىقىدا، «تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئافرىقىنىڭ ساداسى بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، رەسمىي ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئورتاق ياشاش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان نايروبى خەلق باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ھايۋاناتلار دۇنياسى ساياھىتى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۈگۈن تانزانىيىگە بارىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.
يېڭى شەپەق گېزىتى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ باش رەئىسى شۇنداقلا دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ 29 ـ مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلام مۇناسىۋىتى بىلەن باشلىغان يۇرت ئارىلاش زىيارىتى جەريانىدا دىيار باقىرغا بېرىپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە، ئۆز نۇتىقىدا ۋەتەندىكى ھەر بىر پۇقرانىڭ تۈركىيىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ «ھېچبىرىمىز ئىككىنچى بىرىمىزدىن ئۈستۈن ئەمەس، ھەممىمىز ئوخشاشلا ۋەتەننىڭ ساھىپخانلىرى. ھېچ كىشى ئىككىنچى بىرىگە سىرتتىن كەلگەن مېھمان سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلالمايدۇ. تارىخىي ئۇتۇقلىرىمىزنى ھەممىمىز بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن، يەنە ئوخشاشلا مەڭگۈ بىرلىكتە بولىمىز» دەپ سۆز قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىللىيەت گېزىتى، مەركىزىي ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ لىدىرى دېنىز بايقالنىڭمۇ تۇنجى قېتىملىق سايلام يېغىرىنى ئادانادا ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئۆز نۇتىقىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان بايقالنىڭ، باش مىنىستىر ئەردوغاننى تىلېۋىزىيە قانىلىدا دۆلەتتىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىگە چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ساباھ گېزىتى، ئەدەن دېڭىز قولتۇقى، سومالى ئوچۇق دېڭىزى ۋە ئەرەب دېڭىزىدا قاراقچىلارغا قارشى كۆرەش قىلىش ئۈچۈن رايونغا ئەۋەتىلگەن تۈرك دېڭىز ئارمىيە ئەترىتى ئۈچۈن قوشۇمچە بىر مىليون تۈرك لىراسى زاپاس مەبلەغ ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە، تۈركىيە قۇراللىق قىسىمىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئەترىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك تاسادىپىي پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان جىددى ئىھتىياجلارنى دەل ۋاقتىدا قامداش ئۈچۈن مەركىزىي قوماندانلىق شتابىنىڭ بىر مىليون لىرا زاپاس مەبلەغ ئىشلىتىش تەكلىپى مىنىستىرلەر كابېنتىنىڭ قارارى بىلەن رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ستار گېزىتى، ئاغرى تېغىغا يامىشىش جەريانىدا ھالسىزلىنىپ كەتكەن ئۈچ نەپەر تاغقا يامىشىش تەنتەربىيىچىسىنى تۈرك قۇراللىق قىسمىغا تەۋە ئىزدەش ۋە تەبىئىي ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ قۇتۇلدۇرۇۋېلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ياردەم تەلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەدىن ئاغرىنىڭ شەرقىي بەيازىت ناھىيىسىگە بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ تاغقا يامىشىش تەنتەربىيىچىلىرى تۇرغان 4500 مىتېر ئېگىزلىككە تىك ئۇچار بىلەن يېتىپ بېرىپ، ھالىدىن كەتكەن ئۇچ تەنتەربىيىچىنى دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈپ قويغانلىقى مەلۇم قىلىندى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلاري كلىنتوننىڭ «ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىسنى ھەل قىلالايدۇ» دەپ بايانات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل زىيارىتى جەريانىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولغان كلىنتوننىڭ بېيجىڭدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققى تاپقان دۆلىتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئەڭ چوڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت جۇڭگو ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پىلان جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ۋەتەن گېزىتى، ئامېرىكىدا پرېزىدېنت باراك ئوباما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ، ئاۋام پالاتادا قوبۇل قىلىنغان 787 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي گۈللەندۈرۈش پىلانىنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، بۇ جەرياندا خىزمەتچىلەردىن ئېلىنىدىغان كىرىم بېجى توختىغانلىقى ۋە پىلانغا مۇناسىۋەتلىك بايانات بەرگەن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ «ھېچقانداق ئىش ئاسان بولمايدۇ، ئالدىمىزدىكى يول ئۇزۇن ۋە خېيىم ـ خەتەرلەرگە تولغان. بىراق بىز خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كرىزىسنى يېڭەلەيدىغان ۋە بۇ ئىستراتېگىيىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ئەقىل ھەم كۈچكە ساھىپ ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمەن» دەپ سۆز قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، ئافغانىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان تالىبان تەشكىلاتى بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، چېگرا رايون سۇۋاتتا ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە مۇرەسسەلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سۇۋات ۋادىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئۈچۈن شەرىئەتنىڭ يولغا قويۇلىشى شەرت قىلىنغانلىقى، شۇنداق بولغاندىلا تالىباننىڭ رايوندا ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=f092034a-8e2c-45af-b0d3-4ffd654b80cc