جون كېرري: سۈرىيە، پەلەستىندە بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا ياردەم قىلىدۇ
2009-02-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: سۈرىيىنىڭ، پەلەستىندە بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى جون كېرري، دەمەشىقتە سۈرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ پەلەستىندە قارشىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ناھايىتى زور ياردەم بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ يالغۇز غەززەنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىش مۇزاكىرىلىرىنىڭ يېڭىدىن باشلىنىشى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم قەدەم بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان جون كېرري، سۈرىيىنىڭ بۇ دائىرىدە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنىڭ پۇرىقىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھاماسنىڭ سۈرگۈندىكى لىدەرلىرىگە ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان سۈرىيە، تەشكىلاتقا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىش ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مىسىرنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئارقىسىدا چارشەنبە كۈنى باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=f550713a-3dff-452a-9e19-eedef67ad31f