مەشھۇر تۈرك كىنو رىژىسورى فەرزان ئۆزپەتەكنىڭ 50 يىللىق ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان كىتاب
2009-02-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر تۈرك كىنو رىژىسورى فەرزان ئۆزپەتەكنىڭ 50 يىللىق ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان كىتاب نەشىردىن چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىتالىيىلىك ژورنالىست لاۋرا دېللى كوللىنىڭ ئىتالىيىدە ياشايدىغان رىژىسور بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان كىتاب، ئۆزپەكتەنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى تېما قىلغان تۇنجى تەرجىمىھال خارەكتېرىگە ئىگە ئىكەن.
ئۆزپەتەكنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلغان كىتاب،` فەرزان ئۆزپەتەك، كۆزلەر تامامەن ئوچۇق` ماۋزۇسىدا، ئىتالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ نەشىرىياتىدىن بىرى بولغان موندادورى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
فەرزان ئۆزپەتەك، ھاممام، مەدەنىيەتىسىز پەرىلەر، ھارەم سۇئار، ئۇدۇلدىكى دېرىزە، ئۆمۈرۋايەت يەتكىلى بولمايدۇ، مۇقەددەس قەلب، ئەھمىيەتلىك بىر كۈن` قاتارلىق فىلىملىرى ئارقىلىق، كىنو دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=1e7e1f33-2572-4969-93e0-bfe1939c03b0