ھىللارىي كلىنتون، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى زىيارەت قىلىدىكەن
2009-02-23
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون، 3 – مارت كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى زىيارەت قىلىدۇ.
پەلەستىنلىك باش مۇزاكىرىچى سائىب ئەرەقات بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2 – مارت كۈنى مىسىردا چاقىرىلىدىغان خەلقئارا غەززە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغان كلىنتون، ئەرتىسى كۈنى يەنى 3 – مارت كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، ئاندىن ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولىدىكەن.
كلىنتوندىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى مىچېل رايوندا زىيارەتتە بولىدىكەن ۋە 27 – فېۋرال كۈنى راماللاھتا پەلەستىن دۆلەت رەئىسى ماھمۇد ئابباس بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=75bdd268-b40d-4ea7-b9fd-e6a5b53ba273