مۇرات بايار: تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە لايىھىلىرى توسالغۇسىز قىلىنماقتا
2009-02-23
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى باش مەسلىھەتچىسى مۇرات بايار، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە لايىھىلىرىنىڭ، ` ئۆز- ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش` پىرىنسىپى دائىرىسىدە، ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماستىن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسىگە ئىشتىراك قىلغان بايار، مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىندا يۈز بەرگەن سوغۇقچىلىقنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە لايىھىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا تەسىر قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەزكۇر لايىھىلەرنىڭ` ئۇزۇن مەزگىللىك` ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بايار سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى، ` بۇ ساھەدە تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى بار، شۇڭا بۇ لايىھىلەر بۇ دائىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمىگەن ئاساستا ئىجرا قىلىنىدۇ`.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=20ccf67e-aef4-4b8e-b177-abd3b47a7d0a