خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ۋە باشقا پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈلسۇن
2009-02-23
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ۋە باشقا پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارغا كېتىدىغان پۈتكۈل قورال – ياراقلارغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.
باش ئورگىنى لوندونغا جايلاشقان تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىدا، ھەم ئىسرائىلىيە ھەمدە ھاماسنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا سىرتتىن كىرگەن قورال – ياراقلارنى قوللانغانلىقىغا دائىر دەلىل – ئىسپات توپلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە، شۇنداقلا ھەر ئىككى تەرەپ، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلغان مەزگىللەردە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان، دەپ ئەيىپلەنمەكتە.
ئىسرائىلىيىنىڭ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن فوسفور بومبىسى ۋە باشقا قورال – ياراقلارنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، ھاماس ۋە باشقا پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارنىڭمۇ چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ياكى ئەتكەسچىلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن راكېتا بومبىلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى ياشاۋاتقان رايونلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=184650ba-17af-4b2f-9004-da54d92fe74e