پارىس قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەر، غەززەنىڭ يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى پىلانلىماقتا
2009-02-23
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: پارىس قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەر، ئىسرائىلىيىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولغان غەززەنىڭ يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى پىلانلىماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا بىر يەرگە جەم بولغان ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى، پارىس قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ يېقىندا تەشكىل قىلىنىدىغان ئورتاق بىر كومىتېتنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق غەززەگە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، كومىتېت ئەزالىرى، ياردەم قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكالەتچىلىرى ۋە مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بولغان ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رەھبىرى خادىملىرىدىن تەشكىل تاپىدىكەن، ھەمدە غەززەدە بىر ئىشخانا ئېچىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قاتار 1.25 مىليارد دوللارلىق ئىئانە قىلىش ئېھتىمالى بولغان ياردەم پىلانىنىڭ تەپسىلاتى كېلەر ھەپتە ئايدىڭلىشىدىكەن.