تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 23.02.2009
2009-02-23
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيىدىكى ھەرقايسى گېزىتلەر، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئافرىقا زىيارىتى ۋە ئافرىقا رايونىنىڭ ۋەزىيتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە كەڭرى ئورۇن ئاجراتتى.
ھۆررىيەت گېزىتى، جۇمھۇر رەئىسى گۈلنىڭ ئافرىقا زىيارىتىدە كېنيىگە قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تانزانىيگە يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
تانزانىيە جۇمھۇر رەئىسى جاكايا كېكتېۋىينىڭ دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنى تانزانىيىنىڭ پايتەختى دارۇسسالام ئايرۇدرۇمىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان گېزىت، كېكتېۋىينىڭ تۈركىيىنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىشقا باشلامچىلىق قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساباھ گېزىتىمۇ، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى گۈلنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمنىڭ تانزانىيلىك سەنئەتچىلەر ئورۇنلىغان يەرلىك ئۇسسۇلدىكى نومۇرلار بىلەن رەڭلىك تۈسكە كىرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
مىللىيەت گېزىتى بولسا، جۇمھۇر رەئىسى گۈلنىڭ تانزانىيدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، تۈرك-تانزانىيە سودا - سانائەتچىلەر كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىنى يازدى.
زامان گېزىتى، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇش پۈتتۈرگەن تانزانىيلىك ئوقوغۇچىلار بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە خەۋەرنى «ئابدۇللاھ گۈل تانزانىيلىكلەر بىلەن تۈركچە سۆھبەتلەشتى» دېگەن تېمىدا ئانالىز قىلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، ئەرمىنىستان(ئەرمىنىيە) باش مىنىستىرى تىگران ساركىسياننىڭ، ئەنقەرە ۋە ئەرىۋاننى يادرو ئېنېرگىيسى ساھەسىدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرنى «يادرو ئېنېرگىيسى تىنچلىقى» ماۋزۇسىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان گېزىت، ساركىسياننىڭ ئەرمىنىستاندا (ئەرمىنىيە) قۇرۇلماقچى بولغان يېڭى يادرو ئېنېرگىيە بازىسى مەسىلىسىدە، تۈركىيە ۋە روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى سىياسىي جەھەتتىنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
رادىكال گېزىتى، ئىراقتىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە چېكىنىپ چىقىپ كېتىشنى پىلانلاۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەسكەرلەر، ئېغىر تىپتىكى قورال - ياراقلار، تانكا ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يۆتكەش ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن ئۆتۈش ئېغىزى تىزىملىكىدە مەرسىن ۋە ئىسكەندىرۇن ۋىلايەتلىرىنىڭمۇ بارلىقنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيىنىڭمۇ مەزكۇر پىلاننى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېزىت، ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى پورتلارغا ئىراقتىن يۆتكەپ كېلىنىدىغان تانكىلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆۋرۈك ياسىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ساباھ گېزىتى، يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئىراقلىق توققۇز نەپەر بالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېزىت، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالىلاردىن بەشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئوپىراتىسىيە قىلىنغانلىقنى، باشقا بالىلارنىڭ بولسا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئوپىراتىسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھۆررىيەت گېزىتى، تۈرك دۆلەت مۇداپىئە ۋە سودا - سانائەت شىركەتلىرىنىڭ، مۇداپىئە ساھەلىرىدە ئەمىلىيلەشتۈرگەن مەملىكەتنى سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش لايىھىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
گېزىت، يېقىنقى يىللاردا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە مۇھىم تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن تۈرك شىركەتلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ 58 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ساباھ گېزىتى، ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي مۇداپىئە يەرمەنكىسى2009 IDEX يەرمەنكىسىگە ئاسەلسان، روكەتسان ۋە ھاۋەلسان قاتارلىق 38 تۈرك شىركەتلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، يەرمەنكىدە تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 34 دانە ھۇجۇمچى كاتېر سېتىپ بېرىش توختامنامىسى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مىللىيەت گېزىتى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرزىس تۈپەيلىدىن ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ياۋرۇپادىكى رەقىپلىرى ئاجىزلىغان بولسىمۇ، بىراق يولۇچى نىسبىتىنى 15 پىرسەنت ئاشۇرغان تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ، ياۋرۇپانىڭ ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان ئۈچ دانە خەلقئارالىق سەۋىيدىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى يولۇچىلار سانىنىڭ 22 مىليۇنغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=81e7863f-e874-4c72-961b-5939487223f6