بۇ قېتىم ئېتىلغان كەش دەل نىشانغا تەگدى
2009-02-23
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: بۇ قېتىم كەش غەززە ئۈچۈن ئېتىلدى
گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەلۇم بىر يىغىندا نۇتۇق سۆزلەرۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى باياناتچىسى رون ئېدىلھېيت كەش ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقنىڭ قۇربانى بولدى.
غەززە ئۈچۈن ئېتىلغان كەش بۇ قېتىم دەل نىشانغا تەگدى. گوللانىيىنىڭ ئامستېردام شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ئىسرائىلىيىلىك بايانتچى رون ئېدېلھېيتكە 20 ياشلار چامىسىىدكى ئككى ياش بىلەن بىر ئايال بولۇپ جەمئىي 3 كىشى كەش ئاتتى. كەشلەردىن بىرىنىڭ باياناتچىغا تەككەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيىلىك باياناتچىغا كەش ئاتقۇچىلار نەق مەيداندا قولغا ئېلىپ، باشقىلارغا ھاقارەت قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن ساقچى ئىدارىسىدا سوراققا تارتىلدى.
ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسىغا كەش ئاتقان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىگىلىنىشىچە، دەل شۇ مەزگىلدە، يىغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مېھمانساراينىڭ ئالدىغا يىغىلغان 50 كە يېقىن بىر گۇرۇپمۇ ئىسرائىلىيىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=44bf126c-3a77-42a7-bbea-25fc37cf6abc