باكوياننى: تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئازا بولۇشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە
2009-02-24
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: يۇنانىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دورا باكوياننى تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئازا بولۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە يۇنانىستان ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ ئىشنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئېيتتى.
رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا بارغان يۇنانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باكوياننى بىر ئىلمىي جەمئىيەتتە سۆزلىگەن نۇتقىدا، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئازا بولۇشىنى قوللاپ ـ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئالدىنقى يىللاردىمۇ ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىغا ماڭغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش شەرت قويۇلغانلىقىنى، يۇنانىستاننىڭمۇ مۇھىم بولغان شەرتلەرنى جايىدا ئورۇنداش باسقۇچىدىن ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن باكوياننى ئەزالىق ئۈچۈن تۈركىيىگە بېرىلگەن ياردەملەرنىڭمۇ بەلگىلىك شەرتلەرنىڭ ئورۇندىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
باكوياننى، ئىسلاھات باسقۇچىدىكى بەزى قەدەملەرنى بېسىپ بولغان تۈركىيىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۈرغۇن ئىشلىرى بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، دېموكراتىيە سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئوموملىشىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ـ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، دىن ئەركىنلىكى ۋە ئىپادە ئەركىنلىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغىمۇ باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان باكوياننى، بۇ جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئادىل ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئارالدا باشلانغان مۇزاكىرىلەرنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=92e15f5a-6a22-4844-b4b2-936a3432ff2c