تالىبان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
2009-02-23
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ سۇۋات ۋادىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تالىبان بىلەن پاكسىتان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.
كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقى پاكىستانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي ئۆلكىسىنىڭ مالاكاند رايونىغا جايلاشقان سۇۋات ۋادىسىدا 2007- يىلىدىن بېرى تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىۋاتاتتى.
1200 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا، 250 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆيلىرىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان توقۇنۇشلار، بۇ ھەپتە تالىباننىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشى بىلەن پەسكۇيغا چۈشكەن ئىدى.
ھۆكۈمەت يەنە، تالىبان بىلەن رايوندا شەرىئەتنى يولغا قويۇشقا دائىر نۇقتىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.
غەرب ئەللىرى ۋە بىر قىسىم پاكىستانلىقلار، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەلقائىدە ۋە تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ئۈچۈن سۇۋات ۋادىسىنى ‹قۇتقۇزۇلغان رايون›غا ئايلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=bee55b35-24bb-4807-bdce-f06c070e53df