ئىرلاندىيە خەلقى يۇرتلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە باشلىدى
2009-02-24
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئالدىنقى يىلى كۈزدە ئىقتىسادى ۋەيران بولغان ئىرلاندىيە خەلقى ئىش ئىزدەش ئۈمىدى بىلەن ياقا ـ يۈرتلارغا كۈچۈشكە باشلىدى.
ئىرلاندىيىلىكلەرگە نىسبەتەن ئىسكاندىناۋ دۆلەتلىرى بىلەن كانادا كۈچۈشكە بولىدىغان دەسلەپكى قاتاردىكى دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئومومىي نوپۇسى 320 مىڭ كىشىدىن تەركىپ تاپقان ۋە ”ئەڭ باياشات دۆلەت“ دەپ تونۇلغان ئىرلاندىيە خەلقى بانكىچىلىق سىستېمىسى ۋەيران بولۇش سەۋەبى بىلەن مىلياردلارچە دوللارلىق قەرزنىڭ ئاستىدا قالغان ئىدى.