باقىيېۋ: تۈركىيە- قىرغىزىستان ئەدلىيە ئىشلىرى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىدى
2009-02-24
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان دۆلەت رەئىسى قۇرمانبېك باقىيېۋ، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدا 2006 ـ يىلى ئىمزالانغان ئەدلىيە ئىشلىرى بۇيىچە ياردەملىشىش ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىدى.
دۆلەت رەئىسلىك سارىيىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باقىيېۋنىڭ جازالاشقا، مەدىنىيەت ۋە ئىقتىسادقا ئالاقىدار ئەدلىيە ئىشلىرى بويىچە تۈزۈلگەن ئەھدىنامىنى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەزكۇر ئەھدىنامە ئالدىنقى ھەپتە قىرغىزىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلغان ئىدى.
ئەھدىنامە ئەسلىدە، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەدلىيە مىنىستىلىرى تەرىپىدىن 2006 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى ئەنقەرەدە ئىمزالانغان ئىدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=12d1cda7-e0b5-4a2a-8bb7-a1e698413ffa