فرانسىيىنىڭ ش ئا ئە ت غا كىرىشى
2009-02-24
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
شەرق لاگېرىغا قارشى غەرب لاگېرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1949- يىلى 4- ئاپرىلدا قۇرۇلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ش ئا ئە ت) غا فرانسىيە قۇرغۇچى ئەزا سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلدى. 1966- يىلى 7- مارتقا كەلگەندە فرانسىيە پرېزىدېنتى گېنېرال چارلېس دې گائۇللې شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكىرى قىسمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىنىڭ پارىژدا بولۇشى ۋە فرانسىيىنىڭ ھەم مۇھىم ھەم قۇرغۇچى ئەزا بولۇشى تۈپەيلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەقىب بولغان ۋارشاۋا ئەھدىنامىسى، شەرق لاگېرى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نەزىرىدە ئىناۋىتىنى يوقىتىۋالدى. غەرب لاگېرى، شەرق لاگېرىنىڭ ئالدىدا قانچىلىك ساغلام دېگەن تېمىدا بەس – مۇنازىرىلەر قوزغالدى. شەرق لاگېرىنىڭ رەھبەرلىرىدە غەرب لاگېرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پارچىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدى تۇغۇلدى ۋە بۇ جەھەتتە تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى غەرب دۆلىتىگە ئىقتىساد ۋە پەن – تېخنىكا ساھەسى بويىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشقا باشلىدى. ھالبۇكى بۇ ۋەدىلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ ئىجرا قىلىشلىرىغا قارىماي، فرانسىيىدىن باشقا ھېچبىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ئەزالىقتىن چېكىنىپ چىقمىدى. بۇنى ئاز دېگەندەك، 1990- يىلدىن كېيىن شەرقىي ياۋروپادىكى سابىق ۋارشاۋا ئەھدىنامىسىغا ئەزا 11دۆلەت، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى. شۇنداق قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 16 دىن 27 گە يۈكسەلدى.
فرانسىيىنىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سىياسى قىسمىدىكى ئەزالىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسكىرى قىسمىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرى فرانسىيىنىڭ: يادرو قوراللىرىغاا ئىگە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش، تېخىمۇ ئەركىن شەكىلدە قورال – ياراق ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارغا سېلىش، سىياسىي ساھەدە تېخىمۇ ئەركىن – ئازادە ھەرىكەت قىلىش، ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن ۋە تېخىمۇ خاتىرجەم مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنىڭدەك بەزى مەسىلىلەردە ئەنگىلىيىدىن خاپا بولغانلىقى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان ئىمتىيازلىق مۇناسىۋەتلىرىگە قىزغىنىش بىلەن قارىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى.
شۇنداق، فرانسىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكىرى قىسمىدىن چېكىنىپ چىقتى. فرانسىيىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغىنىدا، فرانسىيە ئۆزىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى چەكلەپ قوياتتى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلىرى فرانسىيىنىڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇپ چىقىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالاتتى.
فرانسىيە، شەرق لاگېرىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن، ھەم ئامېرىكا، ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن گېرمانىيىنى يېنىغا تارتسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قورۇلۇش سەۋەبىنىڭ كۈچىنى يوقاتقانلىقىنى، شۇڭا ۋارشاۋا ئەھدىنامىسىگە ئوخشاش، بۇنىڭمۇ تارقىتىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. فرانسىيىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىگە خاتىمە بېرىش ئىدى. شۇنداق قىلغاندا بىر تاش بىلەن ئۈچ پاختەك سوققان بولاتتى؛
بىرىنچىسى، ئىشلەپچىقارغان قوراللارنى ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى خالىغان دۆلەتلەرگە ئەركىن – ئازادە ساتالايتتى. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگوسى سەۋەپلىك جۇڭگو ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە خېلى كۆپ مەھسۇلاتلىرىنى ساتالمايۋاتاتتى.
ئىككىنچىسى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپانى تەرەققى قىلىش نۇقتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتاتتى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن فرانسىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرنى پەقەت خالىغان چاغلىرىدىلا ئېتىبارغا ئېلىپ قوياتتى. ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىسىز ۋە ياۋروپاسىز قالغىنىدا ئاجىزلىشاتتى – دە، فرانسىيە گېرمانىيىنىڭ كۈچىدىنمۇ پايدىلىنىپ، ناھايىتى زور بىر كۈچنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە خەلقئارالىق بىر كۈچكە ئايلانغان بولاتتى.
ئۈچىنچىسى، پەقەت ياخشى كۆرمەيدىغان ئەنگلىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ياۋروپادىن چىقىپ كېتىشى بىلەن ھالسىزلىشاتتى. لېكىن، فرانسىيە مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ سىياسەتلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالمىدى. دەرۋەقە بۇ ئىشنى يالغۇز بىر تەرەپ قىلىپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن گېرمانىيىنى يېنىغا تارتقان ئىدى.
لېكىن گېرمانىيە فرانسىيىنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلمايتتى، شۇنداق بولسىمۇ فرانسىيىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان ئىدى. گېرمانىيە بۇ سۈكۈتى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى سەۋەپلىك دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلىتىگە ئايلانغان ئىدى. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ياۋروپادا گېرمانىيىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئىقتىسادىي كۈچ بولۇپ كېلىۋاتقان فرانسىيە، كېيىنكى 10 يىلدىن بېرى ئەنگلىيىنىڭمۇ ئارقىسىدا قېلىشقا باشلىدى. ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيىمۇ فرانسىيىنى بىئارام قىلىۋاتقان دۆلەتلەردور. فرانسىيە، ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى، ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملىشىدىغان بولسا، فرانسىيىنىڭ ياۋروپانىڭ بەشىنچى، ھەتتا ئالتىنچى دۆلىتى بولۇپ قېلىش خەۋپى بار. بولۇپمۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ ئامېرىكا تەرەپدارى سىياسىتى فرانسىيىنى ھەم غەزەپلەندۈردى، ھەم سىياسەت ئۆزگەرتىشكە سەۋەپ بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىچىدىمۇ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى شەرتلىرى ۋە يېڭى ئەزالار بىلەن بىرلىكتە بۇرۇنقى كۈچى قالمىدى. مەسىلەن پولشانىڭ پوزىتسىيىسى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئۈچۈن بىرلىك پىلان – لايىھىسىدىكى يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان گېرمانىيىنىڭ دوستانە بولمىغان مۇئامىلىسىگە دۈچ كەلدى ۋە ئۆزى ھازىرلىغان پىلاننى قولىدىن ئېلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، فرانسىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى. پرېزىدېنت جاك شىراكنىڭ، فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر قاتار ئەسكىرى نۇقتىلاردا ۋەزىپە ئۆتىشىگە تۈرتكە بولۇشى بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىدى. مەسىلەن 1995- يىلى فرانسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ‹ئەسكىرى قىسمى›دا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى، ئافغانىستان، كوسوۋا ۋە ئىراققا ئوخشاش چوڭ مەسىلىلەردە فرانسۇز ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردى. ساركوزي، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپالىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى، ‹ش ئا ئە ت› ئەزالىرىغا ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكىگە قىلىنغان بىر مەرھەمەت سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە. ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىقىغا قارشى چىقماقتا. ئەنگلىيە ئوچۇقتىن ئۇچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، فرانسىيىنىڭ ‹ش ئا ئە ت› غا قايتىپ كېلىشىدىن دېگەندەك مەمنۇن ئەمەس. ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشىدىن ۋە فرانسۇز رىقابىتىدىن ئەنسىرىمەكتە.
فرانسىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەر دائىم فرانسىينىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى، بەلكىم 2009-يىلىنىڭ 3 -، 4- ئاپرىل كۈنلىرى ستراسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ‹ش ئا ئە ت› نىڭ رەسمىي ئەزاسى بولىشى مۇمكىن. تولۇق ئەزالىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇداپىئە ئىشلىرى كومىتېتى ۋە يادرو پىلان گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىش بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ.
فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرىدۇ. تەشكىلاتمۇ فرانسىيىنىڭ كۈچلىنىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ۋەزىپىلەرنى ئۆتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن، فرانسىيىنىڭ ئەزالىقى ئەنگلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى فرانسىيە، ياۋروپا خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە سىياسىتىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشقا تىرىشىدىغان بولسا، غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقىدا پەيدا قىلغىنىغا ئوخشاش تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەزالىرى ئىچىدە بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ. فرانسىيە، ئامېرىكا بىلەن ئەزالىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلدى، ھەتتا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى ۋىرىگىنى دې نورفولكتىكى ئىتتىپاقنىڭ ئايلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر قوماندانلىق بىلەن پورتۇگالىيە پايتەختى لىزبۇندىكى رايون قوماندانلىقىنىمۇ فرانسىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
تۈركىيە، فرانسىيىنىڭ تولۇق ئەزا بولۇپ كىرىشىگە ھېچقانداق توسالغۇلۇق پەيدا قىلمايدۇ. توغرىسىمۇ تۈركىيىنىڭ شۇنداق قىلىشى، ئەلۋەتتە. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=a50099c2-371d-4c84-9bd9-daac3b27aa92