تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 24.02.2009
2009-02-24
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: «سىتار گېزىتى»، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئافرىقىدىكى ئىككى دۆلەتكە قاراتقان زىيارەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جەھەتلەردىن ئىنتايىن پايدىلىق بولغانلىقىغا، ھەمدە ئابدۇللاھ گۈل ھەمرالىقىدىكى تۈركىيىلىك كارخانىچىلارنىڭ زىيارەت قىلىنغان دۆلەتلەردە كۆپ ساندا ئېكسپورت ۋە مەبلەغ سېلىش بويىچە كېلىشىمنامىلەرنى ئىمزالىغانلىقىغا ئائىت باياناتلارغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
خەۋەردە، كېنىيە ۋە تانزانىيىگە قاراتقان زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەن جۇمھۇر رەئىسى گۈلنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىدا، تۈركىيىنىڭ ئافرىقىغا قارىتا ئېچىۋېتىش سىياسىتى قوللانغان بۇ مەزگىللەردە دۇنيا ئەللىرىنىڭمۇ بوش تۇرمىغانلىقىنى، جۇڭگو ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا ‹مەنمۇ زۆرۈر تېپىلغاندا، دۆلەت باشلىقلىرىغا، باش مىنىستىرلەرگە تېلېفون قىلىمەن. بۇ نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. خەلقئارا سودىدا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مۇھىم، دەپ قارايمەن› دېگەنلىكى يېزىلدى.
«ھۆررىيەت گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىدىكى ئېنېرگىيە مەسىلىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇزاكىرىلەرنى توختىتىپ قويغان قىبرىس رۇم دائىرىلىرىگە بېسىم قىلىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى چېك جۇمھۇرىيىتىنىڭ، رۇملارنىڭ ئېتىرازلىرىنى قايتۇرىۋېلىش ئارقىلىق، ئېنېرگىيە مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قويۇلىشى ئۈچۈن يېشىل چىراق يېقىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىندى.
«زامان گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە بېرىلگەن ئەسكەرتىشكە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن جاۋابتا، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانىنىڭ تۈركىيىنى ئەيىپلىگەن سۆزلىرىنىڭ شەخسى قارىشى ئىكەنلىكى تەكرارلانغان جاۋاب خەتتە، ئىسرائىلىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە يەنە، ئىسرائىلىيە باش قوماندانلىق شتاب باشلىقى گابى ئاشكېنازىنىڭمۇ، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە باش قوماندانلىق شىتاب باشلىقى باش قوماندان ئىلكەر باشبۇغقا دەسلەپتە تېلېفون ئارقىلىق، ئارقىسىدىن يوللىغان مەكتۇبى بىلەن يۇقىرىقى قاراشلارنى بىلدۈرگەنلىكى خاتىرلىتىلدى.
«ئاخشام گېزىتى»، تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئىراق ئوتتۇرىسىدا تەشكىل قىلىنغان ئۈچ تەرەپ مىخانىزىمىنىڭ ئەربىلدە شەكىللەندۈرۈلگەن ۋە ‹PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۆرەش بىرلەشمە مەركىزى› دەپ ئاتىلىدىغان گۇرۇپپىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە، ھەر ئۈچ دۆلەت بىلەن، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئوفېتسىرلار ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان مەركەزنىڭ ۋەزىپىلىرى ئىچىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈزىتىش، چېگرا رايونلىرىدىكى ئۆتۈش ئېغىزلىرىنى كونترول قىلىش بولىدىغانلىقى بايان قىلىندى.
«ساباھ گېزىتى»، قىسقىچە ئاتىلىشى HP بولغان، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كومپيوتېر ۋە ئېلېكترونلۇق ئەشيا ئىشلەپچىرىش شىركەتلىرىدىن ھېۋلېت پەكارد (Hewlet – Packard) نىڭ تۈركىيىگە 60 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېزىتنىڭ ‹ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭى تۈركىيىنى تاللىدى› باش ماۋزۇسى بىلەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، HPنىڭ تەيۋەننى مەركەز قىلغان بىر شىركەت بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيىنىڭ تەكىرداغ ۋىلايىتى چورلۇ ناھىيىسىدە قۇرىدىغان ۋە تەخمىنەن 2000 كىشىگە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان زاۋۇتتا، تۈركىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا بازارلىرىغا قارىتا كومپيوتېر ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىچە بىر خىل شەكىلگە ئىگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۇشۇرۇن مەلۇمات ۋە ھۆججەتلەرنىڭ ساقلىنىشىدا ناھايىتى ئۈستۈن بىخەتەرلىك خىزمىتى سۇنىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە ئىجاد قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، يېڭى ئۈسكىنىنىڭ ئىنتايىن مەخپى ماتېرىياللارنى ساقلاشتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق مەلۇماتلارنىڭ مەخپى نومۇر بىلەن ساقلىنىدىغانلىقىنى، ئۈسكۈنە يوقىتىلىپ قويۇلغان تەقدىردىمۇ، باشقىلارنىڭ ئىچىدىكى مەخپى ماتېرىياللارنى ئېچىش ئىمكانىيىنىڭ يوقلىقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا بارلىق سىناقلاردىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكەن ئۈسكۈنىدىن 600 دانە ئەۋەتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=51721a32-8655-41bb-9aca-d263eec33ab5