ئىراننىڭ تۇنجى يادرو قوراللىرى تەتقىقات مەركىزى يادرو قوراللىرى ياساش سىنىقىنى باشلىۋەتتى
2009-02-25
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ بۇشەھىردىكى تۇنجى يادرو قوراللىرى تەتقىقات مەركىزى يادرو قوراللىرى ياساش سىنىقىنى باشلىۋەتتى.
رۇسىيە ئاتوم ئېنېرگىيىسى باشلىقى سېرگېي كىرىنكونىڭ ئېيتىشىچە، بۇشەھىر يادرو قوراللىرى تەتقىقات مەركىزى ئاساسىي قۇرۇلۇشى تاماملانغان ۋە يادرو قورالىنى ياساشنى باشلىغان.
ئىران ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى باياناتچىسى موھسىن شىرازى، يادرو قوراللىرى تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن سۈنئىي يېقىلغۇنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىراننىڭ بۇشەھىردىكى يادرو قوراللىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى 1995- يىلى باشلانغان.
يادرو قوراللىرى تەتقىقات مەركىزى تاماملىنىشى ئەسلى پىلاندىكىدىن ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، يادرو قوراللىرى تەتقىقات مەركىزى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدكەن.
ئىراننىڭ بۇشەھىر يادرو قوراللىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ياساش سىنىقى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=6d3c46fe-726f-4409-8528-1ee7a2399880