ئامېرىكا قوماندانى گېنىرال جون كېللىي، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدىن بىخەتەر ھالدا چېكىنىدۇ
2009-02-25
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىراقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا قوماندانى گېنىرال جون كېللىي، ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئازايغانلىقى ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرنىڭ ئىراقنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدىن بىخەتەر ھالدا چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گېنىرال كېللىي، ۋاشىنگىتوندا بەرگەن باياناتىدا بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى 16 ئاي ئىچىدە ئىراقنىڭ بەزى رايونلىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدىكەن.
ئىراقنىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئازايغانلىقىنى تىلغا ئالغان كېللىي، ئىراقتا ۋەزىيتى ياخشى بولمىغان رايونلارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئەمما بۇ رايونلارنىڭمۇ 2011-يىلىغا قەدەر ۋەزىيتى ئوڭشىلىدۇ دەپ، قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقتىن تېز سۈرئەتتە چېكىنىپ چىقىپ كېتىشنىڭ تولىمۇ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن كېللىي، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى ئىراقتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغۇزۇشنىڭ ئىراقتىكى تەرەققىياتلارغا زىيانلىق ئىكەنلكىنى، چۈنكى ئىراق ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيتىگە توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىراقتا ئامېرىكىنىڭ تاخمىنەن 142 مىڭ ئەسكىرى بار ئىكەن.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=38d460bf-f857-49de-bdbb-c06789cba39b