دۇنيا مەتبۇئاتىدا بۇ ھەپتە 25.02.2009
2009-02-25
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى، ئىسىرائىلىيىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
گېزىت خەۋەرنى، ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشقا مەسئۇل بېنجامىن نېتانياھۇنىڭ باراك ۋە لېۋنىيغا بەرگەن بىرلىشىش تەكلىۋى رەت قىلىندى، دېگەن سەرلەۋھىدە ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى.
گېزىتتىكى خىەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسىرائىلىيە ئىشچى پارتىيسى رەھبىرى ئەھۇد باراك، نېتانياھۇنىڭ قۇرماقچى بولغان ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش تەكلىۋىنى رەت قىلغان.
گېزىتنىڭ ئانالىزىغا كۆرە، قاتتىق قوللۇقتا نام چىقارغان نېتانياھۇ، باراك ۋە لېۋنىيلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيىلەرنى، قۇرۇلماقچى بولغان ھۆكۈمەتكە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش، ھەمدە مۇقىم ۋە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بىر پارلامېنتقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ئەمدى ئىسىرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
ھارېيتېز گېزىتى، مەركىزى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان بىر دوكلاتغا باش سەھىپىسىدىن ئورۇن بەردى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ:
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىسىرائىلىيە ۋە ھاماسنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ھەم ئىسىرائىلىينىڭ ھەم ھاماسنىڭ، باشقا دۆلەتلەردىن كىرگۈزگەن قورال-ياراقلارنى پۇقرالارغا قارشى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى ب د ت نى ئىسىرائىلىيە، ھاماس ۋە باشقا پەلەستىن تەشكىلاتلىرىغا قورال – ياراق ئىمبارگۇسى يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.
ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى بقلەن ھاماس بولسا مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئەيىپلەشلىرىنى رەت قىلدى.
تۆۋەندە ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
فاينېنشىل تامس گېزىتى، ئامېرىكىنىڭ بانكىچىلىق ساھەسىدە يۈز بەرگەن كرزىس ۋە سىتىيگرۇپ بانكىسىنى قۇتقۇزۇش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
گېزىتنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بانكىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپلەپ مىبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بىراق پۈتۈنلەي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئويلىمىغان.
سىتيگرۇپ بانكىسى بولسا، ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىدىن ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ مىقتارىنى 40 پىرسەنتكە يەتكۈزمەكچى بولسىمۇ، بىراق دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشىغا قارشى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى، سىتيگرۇپ بانكىسىغا دۆلەت خەزىنىسىدىن ئاجرىتىپ بېرىلىدىغان مەبلەغنىڭ مىقتارى كۆپەيتىلىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋىلىش پىكرىگە قارشى بولسىمۇ، بىراق، سىتىيگرۇپ پايچېكلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىكەن.
مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدا يېڭىدىن ئۇرۇش خەۋپى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، «كوردلار بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋېتىپتۇ. بۇ بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىش پىلانىنى تېخىمۇچېگىشلەشتۈرۈۋېتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.» ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە باغداتتا جىددىيلىك پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمما شىمالدا يۈكسەلگەن. ئىراق ئارمىيسى شىمالدىكى رايونلارنى كونتىرۇللۇق ئاستىغا ئالغان بولۇپ، پات-پات كورد قوراللىق كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرغان.
ئىراقتىكى كوردلار، نىناۋەھ رايونىدا سۇننى ئەرەبلەرنىڭ يىقىنقى ئالتە يىل ئىچىدە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كوردلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 127 مىڭ كوردنى بولسا سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئەھۋالىغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
نىناۋەھ رايونىدىكى كورد رەھبەرلەرمۇ، توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردىكى ئەسكىرىي قىسىملاردا كوردلارنىڭ بولماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كورد ھاكىمىيتى باشلىقى نەچىرۋان بارزانىمۇ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئامېرىكا ئارمىيسى چېكىنىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
گېزىت، ئىراق ئارمىيسىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، كوردلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئەسكىرىي قىسىملارنىڭ شىمالىي رايونلارغا ئەۋەتىلگەنلىكنى، ھەمدە ئاخىرقى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدا ئەرەبلەرنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكنى قەيت قىلدى.
ئاخىرىدا جۇڭگو مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
جۇڭگو ۋاقتى گېزىتى، ئاۋىستىرالىيگە كۆچمەن بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.
گېزىت خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىغا كۆچمەن قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل مىنىستىرنىڭ «ئاۋىستىرالىيە، كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ» دېگەن سۆزىنى قوللانغان.
خەۋەر مۇنداق داۋاملىشىدۇ:
ئاۋىستىرالىيە، يەر شارى خاراكتېرلىك كرزىس سەۋەبىدىن ئالدىمىزدىكى يىل كېلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ.
كۆچمەنلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر، كۆچمەنلەر سانىنى قانچىلىك ئازايتىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇ قايسى كەسىپلەردە كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئازلىتىدىغانلىقى چۈشەنچىسىنى بايان قىلغان.
بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىنىدىغانلىقنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر، 2008-2009-يىللىرى ئارىسىدا 190 مىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن قوبۇل قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقنى، ئەمما يەر شارى خاراكتېرلىك كرزىس سەۋەبىدىن بۇ ساننى ئازايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=a8b4e433-1402-4f84-8783-139cb62c23bf