ئىستانبۇل – ئامستېردام نۆۋەتچى ئايروپىلانى، ئامستېردام ئايرودرومى ئەتىراپىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى
2009-02-25
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئىستانبۇل – ئامستېردام نۆۋەتچى ئايروپىلانى، ئامستېردام ئايرودرومى ئەتىراپىدە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 9 كىشى قازا قىلغان ، ئېغىر يارىلانغان 25 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 50 كىشى يارىدار بولغان.
ئىستانبۇلدىن ئەتىگەن سائەت 08.22 دە يولغا چىققان تەكىرداغ ناملىق بويىڭ 737 تىپلىق ئايرۇپىلان، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 11.45 دە ئامىستېردام سچىفول ئايرودرومىغا قاراپ تۆۋەنلىۋاتقاندا، قونۇش سىزىقىغا 500 مېتىر قالغاندا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.
ئېتىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلانغا ئوت كەتمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئايرۇپىلاندا 127 نەپەر يولۇچى ۋە 7 نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن. ئايرۇپىلاندىكى 127 نەپەر يولۇچىدىن 56 سى چەتئەللىك يولۇچىلار ئىكەن.
گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە توققۇز كىشى قازا قىلغان، 25 كىشى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، 50 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئەمەس ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۈچ كىشىنىڭ جەسىدىنىڭ ئايرۇپىلاننىڭ كابىنكىسىدىن چىقىرىلغان.
ئايرۇپىلان گەۋدىسى يەرگە ئۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق يەرنىڭ يۇمشاق بولۇشى سەۋەپلىك، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىچىنىشلىق پاجىئە يۈز بەرمىگەن.
بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ئايرۇپىلان قارا قۇتىسى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئېنىقلىنىدىكەن.
گوللاندىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايرۇپىلان موتۇرى توختاپ قالغانلىقتىن، لىيۇتچىك ئايرۇپىلاننى يىقىن ئەتراپتىكى ئېتىزغا قوندۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=498dc93d-7336-4d75-ab46-8f5f0ad9004f