لىۋنى: غەززەگە يېڭىدىن ھۇجۇم قىلىشىمىز مۇمكىن
2009-02-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تزىپى لىۋنى، ھاماسنىڭ كونتروللىقى ئاستىدىكى غەززە رايونىغا قورال – ياراق قاچۇرۇش ئەھۋاللىرى داۋاملىشىۋىرىدىغان بولسا، يېڭى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
لىۋنى، قىبرىس (سىپرۇس) رۇم تەرىپىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركوس كىپرىيانۇ بىلەن ئۇچراشقاندا ‹غەززەگە قورال قاچۇرۇش ئەھۋاللىرى داۋاملىشىدىغان بولسا، ئىسرائىلىيىنىڭ يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى مۇقەررەر ھالغا كېلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قانۇنلۇق ۋە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان چارىلەرنى تېپىشى لازىم› دېدى.
لىۋنى، ئىراننىڭ ھاماسنى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىش بولۇدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىرى: ئا.مۇھەممەد
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=398b30c7-b78a-45d8-83f7-549ce809d03a