پەلەستىن مىللىي بىرلىك يىغىنى مىسىردا باشلاندى
2009-02-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ مىسىردىكى مىللىي بىرلىك يىغىنى رەسمىي باشلاندى. ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئەلفەتىھ تەشكىلاتى بىلەن غەززەنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ھاماسنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولدى.
ۋەكىللەر يېغىندىن ئىلگىرى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قاماقتىكى ئەزالىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە قويۇۋېتىش ھەققىدە كېلىشكەن ئىدى.
”مىللىي بىرلىك“ نامى بىلەن باشلانغان يىغىنغا ھاماس ۋە ئەلفەتىھ بىلەن بىرلىكتە 10 غا يېقىن تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ.
پەلەستىن تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى مىسىر مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قارارگاھىغا ئۇچرىشىدۇ.
مىسىر مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گېنېرال ئۆمەر سۇلايمان، پەلەستىن تەشكىلاتلىرىنى ئوتتۇرىدىكى ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىرلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.
سۇلايمان، پەلەستىنلىكلەرگە خىتاب قىلىپ: «ھەممەيلەننىڭ كۆزى سىلەردە، ھەممەيلەن ئۈمىدلىرىنى سىلەرگە باغلىدى. ئايرىمچىلىقنى ئۇلغايتمايلى! مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈمىدىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن سەپلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىڭلار لازىم» دېدى.
يىغىندا يېڭىدىن بىرلىككە كېلىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بەش ئايرىم مەخسۇس كومىتېت ئويۇشتۇرۇلدى.
سۇلايمان، 5 مەخسۇس كومىتېتنىڭ 8 ـ مارتتا خىزمەتلىرىنى رەسمىي باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=fdacaead-a0a9-4ed1-9497-bb2fe0bc7903