مۇرەسسەچىلەر: ھاماسمۇ سىياسىي باسقۇچقا ئشىتىراك قىلىشى لازىم
2009-02-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىلگىرى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننى ياراشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلىگەن سابىق مۇرەسسەچىلەر، مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلىش ئۈچۈن ھاماسنىڭمۇ سىياسىي مۇزاكىرە باسقۇچىغا قاتناشتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.
ئىسرائىلىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سلومۇ بىن ئامى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەكىلى ئالۋارودە سوتو، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ سابىق بوسنا ھەرسەك ۋەكىلى پاددى ئاشدوۋن ۋە كامبودژا تىنچلىق مۇزاكىرىسى ئۈچۈن تەيىنلەنگەن ئاۋىسترالىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گارت ئېۋانس قاتارلىقلار مەسىلىگە ئالاقىدار ئىنگىلىز ۋاقىت گېزىتىگە ئۇچۇق خەت يوللىدى.
سابىق مۇرەسسەچىلەر ئوچۇق خېتىدە، ھاماسنى چەتكە قاقىدىغان سىياسەتنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەكتۇبتا، نۆۋەتتىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ ھەرگىز ئىشقا يارىمايدىغانلىقى ۋە يېڭى بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى بىلدۈرۈلدى، ھەمدە «ئۇرۇشنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ھاماس ئىسرائىلىيىنى تونۇشى لازىم، بىراق بۇ ئىشمۇ ئالاھىدە بىر سىياسىي جەريان بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك» دېيىلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=4ca43c30-5e61-4fff-aadb-c6f7b4746261