بانگىلادىشتىكى ئەسكەرلەر نامايىشى بارغانچە ئەۋج ئالماقتا
2009-02-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: بانگىلادىشتىكى چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈگەن نامايىشى بارغانچە ئەۋج ئالماقتا.
ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلىشقا باشلىغان بانگىلادىشتا يانفۇنلار خىزمەتتىن توختىتىلدى.
ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشچىلارغا ئومۇمىي يۈزلۈك كەچۈرۈم ئېلان قىلىشى بىلەن نامايىشنىڭ توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەرلەردىن كېيىن، پايتەخت داككادا قايتىدىن ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلاندى.
”مىلتىقلىقلار بىرلىكى“ دەپ نام ئالغان گۇرۇھنىڭ قارارگاھىدىن ئېتىشىش خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىدى.
ساقچىلار بىلەن ئارمىيە باشقا شەھەرلەردىمۇ تۈركۈم ـ تۈركۈم بولۇپ كوچا چارلاشنى باشلىدى.
بانگىلادىشتا ئالدىنقى ئاي ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان شەيخ ھەسىنا ھۆكۈمىتى، ئاساسسىز خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن يانفۇنلارنى خىزمەتتىن توختاتتى.
باش مىنىستىر ھەسىنا، مەسلىھەتچىلەرنى ۋە بارلىق مىنىستىرلەرنى جىددى يىغىنغا چاقىردى.
پايتەخت داككادا ”مىلتىقلىقلار بىرلىكى“ دەپ تونۇلغان چېگرا مۇداپىئە قىسمى ئۆز قارارگاھىغا، مائاشنىڭ ئۈستۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىسيان چىقارغان بولۇپ، بىر قىسىم قوماندانلارنىڭ جەسەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈنكى ئېتىشىىشلار جەريانىدا تەخمىنەن 50 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=c8c24b1a-9a0a-4829-b892-f7b4d4c26535