تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 26.02.2009
2009-02-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيىدىكى ھەر قايسى گېزىتلەر، تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە شىركىتى) غا ئائىت بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھرىگە جايلاشقان شىپول ئايرودرومىغا يېقىن بىر جايدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر خەۋەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
ھۆررىيەت گېزىتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ھاۋا يوللىرى قاتارىغا كىرگەن تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ تەكىرداغ ناملىق ئايروپىلانىنىڭ، قونۇشقا بىرقانچە سېكونت قالغاندا تېخىچە ئېنىق بولمىغان بىر سەۋەبتىن ئېكىنزارلىققا چۈشۈپ كېتىپ، ئۈچ پارچە بولۇپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرنى «كۆز تەگدى» دېگەن تېمىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان گېزىت، ئايروپىلاندا 7 ئايروپىلان خادىمى بىلەن قوشقاندا جەمئىي 134 كىشى بارلىقىنى، ۋەقەدە 9 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، ئېغىر يارىلانغان 6 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 84 كىشى يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېزىت، قازانىڭ دەھشەتلىك مەنزىرىلىرىنى، ۋەقەدىن كېيىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى چوڭايتىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى.
ساباھ گېزىتىمۇ، تەكىرداغ ناملىق ئايروپىلاننىڭ شىپول ئايرودرومىغا قونۇۋاتقاندا، ئۇچۇش ـ قونۇش يولىنىڭ يېنىدىكى بوش يەرگە چۈشۈپ كېتىپ 9 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، قازا قىلغانلاردىن 3 ىنىڭ ئۇچقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋەقەنى، «10 سېكونتنىڭ ئىچىدە يۈز بەردى» دېگەن تېما ئاستىدا خەۋەر قىلغان گېزىت، بۇ قېتىمقى ۋەقە توغرىسىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن 3 تۈرلۈك كۆز قاراشنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: 1 -، ئايروپىلاننىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتكەن. 2 -، تېخنىكىلىق بىر كاشىلا تۈپەيلىدىن موتۇر توختاپ قالغان. 3 -، كاپىتان ئۇچقۇچى قونۇش جەريانىدا ئايرۇپىلاننى كونترول قىلىشنى پراكتىكانت ئۇچقۇچىغا بەرگەن.
مىللىيەت گېزىتىمۇ، تۈرك ھاۋا يوللىرىغا ئائىت ئايروپىلاننىڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ئايروپىلاندىن چىققان كاشىلىنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى ۋە قازانىڭ سىرىنى قارا قۇتىلارنىڭ يېشىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېزىت، ئايروپىلاننىڭ 1998 - يىلى 22 – دېكابىردىن تارتىپ تا ھازىرغىچە تەكشۈرۈلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتى، خەۋەرنى «مەجبۇرى قونۇش جەريانىدا پاجىئەلىك ۋەقە يۈز بەردى» دېگەن تېمىدا بەردى.
زامان گېزىتى، خەۋەرنى «ئايروپىلان كونترول مەركىزىگە يېتىپ بارالمىدى» دېگەن تېمىدا بەردى. رادىكال گېزىتى بولسا، «ئايروپىلان قونۇشقا 10 سېكونت قالغاندا چۈشۈپ كەتتى» دېگەن تېمىدا بەردى.
ئاخشام گېزىتى ۋەقەنى باشقا شەكىلدە تەھلىل قىلىپ، لىيۇتچېكلارنىڭ كاشىلا چىققان ئايروپىلاننىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئېكىنزارلىققا قونۇشقا مۇۋەپپەق بولالىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان دەھشەتلىك پاجىئەدىن ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدىيۇ، بىراق ئۆزلىرى ئۆلۈپ كەتتى.» دېگەن تېمىنى قوللاندى.
ھۆررىيەت گېزىتى، قىبرىسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كونتروللۇقىدىكى بىتەرەپ رايوندىن 1989 – يىلى مەلۇم بىر نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىگە رۇخسەتسىز كىرىپ قولغا ئېلىنغان بىر رۇمنىڭ، ياۋروپا كىشىلىق ھوقۇق مەسكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، ياۋروپا كىشىلىق ھوقۇق مەسكىمىسىنىڭ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈمنامىلىرىنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىغا ئاساسەن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى يازدى.
ساباھ گېزىتى، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان « The Guardian» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ تۈركىيىدىن ئۆزلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچى بولۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئەردوغاننىڭ، مەزكۇر تەلەپنىڭ بۇش ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە قويۇلغانلىقىنى ۋە بۇ تەلەپنى ئۆز ۋاقتىدا ئاقسارايغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېزىت، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ «ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزنىڭ بۇ رولنى ئوينىشىمىزنى تەلەپ قىلسا، بىز بۇنىڭغا تەييار› دېگەنلىكىنى يازدى.
مىللىيەت گېزىتىمۇ خەۋەرنى «مۇرەسسەچىلىك قىلىش تەلىۋى» دېگەن تېما ئاستىدا بەردى.
ھۆررىيەت گېزىتى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى مىتچېلنىڭ، ئىككىنچى رايون زىيارىتى دائىرىسىدە كەلگەن ئەنقەرەدە، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن، تۈركىيىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېزىت، مىتچېلنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى لەرزىگە سالغان ھاياجاننى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئانالىز قىلىشنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ساباھ گېزىتىمۇ، جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ مىتچېلنى قوبۇل قىلغاندا، 2006 – يىلى ھاماسنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى خالىد مەشئەل بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى «ھاماسنى ئاگاھلاندۇردۇپ، يۈك بولماڭلار، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇڭلار دېدىم» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق بايان قىلغانلىقىنى يازدى.
گېزىت، گۈلنىڭ، پەلەستىندە بىر مۇرەسسەچىلىك ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئۇدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتىمۇ، ئالاھىدە ۋەكىلنىڭ ئەنقەرە زىيارىتىنى «مىتچېل ۋەزىيەتنى كۈزەتتى» دېگەن تېمىدا بەردى.
ساباھ گېزىتى، يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل – مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ خەلقئارادىكى چوڭ – چوڭ بانكىلارنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپادىكى تۈرك بانكىلىرىغا ئۇدا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
تۈرك بانكىلىرىنىڭ ياۋروپادىكى شۆبىلىرىگە زاكالەت پۇلى قويغان چەتئەللىك ئابونتلارنىڭ سانىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن گېزىت، بۇنىڭ سەۋەبى، يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل – مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تۈرك بانكىلىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، دەپ ئىزاھلىدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەخپى ئاڭلاشنى چەكلەيدىغان يانفۇن ئىجاد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچەملىك يانفۇنلارغا ئوخشاشلا بازارلاردا سېتىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېزىت، تۈرك قوراللىق قىسىملىرىغا ئاتاپ ئىشلەپچىقىرىلغان تېلفوندا، مىللىي مەخپىيەتلىككە ئىگە مەلۇماتلارغىمۇ ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=b32c891d-42c4-4e6e-bb58-74e4b505a116