مىتچېل: تۈركىيىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجىمىز بار
2009-02-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى:ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى گېئورگى مىچېل، رايوندا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان دۆلەت تۈركىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مىچېل ‹ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە تۈركىيىنىڭ قاراش ۋە قوللىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرى›نى ئېيتتى.
بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلمۇ ‹باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا بىر ئۈمىد چىرىقىنىڭ يانغانلىقى›نى، ‹بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكى›نى تەكىتلىدى.
گۈل، «بۇ دائىرىدە تۈركىيىنىڭ تېگىشلىك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشكە ھازىر ئىكەنلىكى›نى قەيت قىلدى.
ئۇچرىشىشتا جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە بويىچە ئۆتمۈشتىن دەۋرىمىزگىچە سوزۇلغان ئومۇمىي جەريانلارغا نەزەر تاشلاپ چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلىي باباجان ۋە باش مىنسىتىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچراشتى.
دۆلەت مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىر ياردەمچىسى جەمىل چىچەك، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مېچىلنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان تۈركىيە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، مىتچېل بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12:00 دە تۈركىيىدىن ئايرىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىرى: ئا.مۇھەممەد
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=1fe076c2-d110-4bf4-8cf4-f1a1322e420e