جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى
2009-02-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى
2003- يىلى ئابدۇللا گۈلنىڭ ` باش مىنىستىر `سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم موسكوۋادا زىيارەتتە بولۇشى ` دىپلوماتىك جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر زىيارەت` سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغانىدى. ئابدۇللا گۈلنىڭ جۇمھۇر رەئىسى سۈپتىدە يېقىنقى ئىككىنچى قېتىملىق رۇسىيە زىيارىتى بولسا، دەسلىپىدە `رەسمىي زىيارەت` سۈپىتىدە پىلانلانغان بولسىمۇ، رۇسىيە تەرەپنىڭ تەلىپى بىلەن زىيارەتنىڭ خارەكتېرى ئۆزگىرىپ، ` دۆلەت زىيارىتى` سۈپتىدە ئېلىپ بېرىلدى. كرېمل سارىيىدىن بېرىلگەن باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي بىر زىيارەت روياپقا چىققان بولۇپ، ئابدۇللا گۈلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى رۇسىيە- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان.شۇڭا بۇ بايانات رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە نە قەدەر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ روشەن نامايدىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ` دۆلەت زىيارىتى`، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قارىتىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دىپلوماتىك قائىدىلەرگە كۆرە، ` دۆلەت زىيارىتى` دىپلوماتىك مۇناسىۋەت جەھەتتىن ` ئىنايىن ياخشى` مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا جۇمھۇر رەئىسى سەۋىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلارغا قارىتا تەرەپ –تەرەپتىن بېرىلگەن باياناتلارنى، نۆۋەتتىكى تۈركىيە- رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرنىڭ كۈنسىرى مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن نامايەندىسى، دەپ قاراش مۇمكىن. كرېمل سارىيىدا ئابدۈللا گۈلنىڭ رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق داغدۇغىلىق ھالدا قارشى ئېلىنىشى، جەنۇبى ئوسېتيا ئۇرۇشىدا ۋە ئارقىدىنلا قارادېڭىز رايونىغا يېقىنلاشقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پاراخوتلىرىغا قارىتا، مونترۆ كېلىشىمنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن تۈركىيىنىڭ تىگىشلىك چارە قوللانغانلىقى رۇسىيىنى ناھايىتى خۇرسەن قىلغانلىقىنىڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا گۈلىنىڭ رۇسىيە زىيارىتى توغرۇلۇق ` بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتىمنىڭ مەقسىتى بولسا خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسلىلەرگە نىسبەتەن پوزۇتسىيىسى قىسمەن ئوخشاپ كېتىدىغان تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرسىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتۇر` دېگەن باياناتىمۇ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ تۇرۇپتۇ. يەنە كېلىپ، ئابدۇللا گۈل بىلەن مېدۋېدېۋ ئىمزالىغان ئورتاق كېلىشمنامىمۇ بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنىڭ روشەن ئىسپاتى، ئەلۋەتتە.
ئابدۇللا گۈل بىلەن مېدۋېدېۋغا كۆرە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى قەدەملەرنىڭ بېسىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە 40-50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈلۈش پىلانىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇنى تۈركىينىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىگە سېلىشتۇرغاندا، پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ، سودا ئومۇمىي سوممىسى جەھەتتىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قارىغاندا 4 ھەسسە كۆپ، دېگەنلىك بولىدۇ. زىيارەت جەريانىدە تىلغا ئېلىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنامىنىڭ دائىرىسىدە رۇسىيىنىڭ تۈركىيدە بىر يادرو ئېنېرگىيىسى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشىدۇر. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈرك قۇرۇلۇش بىناكارلىق شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيىدىكى مەبلەغلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا ئىكەن. ئەمدى بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ سىياسى قىسمى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلايلى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، كافكاسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە قىبرىس مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىندى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بلەكسېپور دائىرىسىدە تەشىكىللەنگەن قارادېڭىز ھەمكارلىقىمۇ ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ سىياسى كۈنتەرتىپىدە مۇھىم ماددىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، ` تۈركىيە بىلەن كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنمىز` دېگەن رۇسىيە دۆلەت رەئىسى مېدۋېدېۋ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتر ۋە ئاتوم ئېنېرگىيىسى ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ` خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەمدە يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق ھەمكارلىشىش ئىمكانىيەتلىرىمىز مەۋجۇت` دېدى. كافكاسىيا ۋە قارادېڭىز رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە قايسى خىل ئىجرائاتلارنى يۈرگۈزسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان مېدۋېدېۋ، تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان `كافكاسىيدە مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانى` ھەققىدە ئۆز ئارا ئەستايىدىل پىكىر ئالماشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇچىرىشىشتا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغانلىقىنى تىلغا ئالغان مېدۋېدېۋ، ` بۇ قېتىم تىلغا ئېلىنغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن ھەم پىكىر ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم` دېدى. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت مۇشۇنداق كەسكىن بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن كېيىن ، جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ تەكلىپىگە مېدۋېدېۋنىڭ ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشى تۈرتكىسىدە يېڭى بىر قارار ماقۇللاندى. شۇڭا، ئابدۇللا گۈلنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا ماقۇللانغان قارار، تۈركىيە بىلەن رۇسىيىدە تەسىر قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا مىقىياسىدىمۇ ناھايىتى زور تەسىر قوزغايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ يەردىكى `` پۈتكۈل دۇنيادا زور تەسىر قوزغاش، دېگەن نېمە؟`،دەپ سورالغىنىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ مىللى پۇل بىرلىكى، يەنى تۈرك لىراسى بىلەن رۇس رۇبلىسى ئارقىلىق سودا قىلىش قارارى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بۇ رايونلاردىكى نوپۇزىغا خاتىمە بېرىدىغان مۇھىم بىر قەدەم، دېمەكتۇر.
سىياسىى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ رۇسىيە زىيارىتى، غەرب دۇنياسى ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەھدىتلىرىنى يوشۇرۇشقا تېرىشىۋاتقان ، تۈركىيىدىكى ياۋرو- ئاسىيا نەزىرىيىسىنى ياقلىغۇچىلىرى بۇ زىيارەتتىن سۆيۈنۈۋاتقان، خەلقئارالىق ۋەزىيەت كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئابدۇللا گۈلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، يېقىندا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرتكىسىدە خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا شەرق رايونىدا، بۇنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان غەرب دۇنياسىنىڭ تەسىر دائىرسىنىڭ كۈچىيىشىگە نىسبەتەن نارازىلىق كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئەمەلگە ئاشتى. قىسقىسى، تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا كۈنسىرى ئىستىراتېگيىلىك ھەمكارلىققا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە. بۇ قېتىمقى زىيارەت، غەرب دۇنياسىنى `تۈركىيىنى قولدىن بېرىپ قويارمىزمۇ؟` دەپ ئەنسىرەتكۈدەك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شۇڭا، بۇ قېتىمقى تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرسىدىكى ئۇچرىشىشلار ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.