جۇڭگو – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن ئەسكىرى سۆھبەت باشلاندى
2009-02-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: جۇڭگو ھەربىي دائىرلىرى، ئامېرىكىنى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تەيۋەنگە قورال – ياراق سېتىپ بېرىشى بىلەن جۇڭگو – ئامېرىكا مۇساسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلدى.
جۇڭگو – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغان ئەسكىرى سۆھبەت، بېيجىڭدا قايتىدىن باشلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، «مۇداپىئە سىياسىىتى ماسلىشىش سۆھبىتى» دەپ ئاتالغان ۋە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان سۆھبەتنىڭ 5 – ئولتۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلغان جۇڭگو دائىرلىرى، جۇڭگو – ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋەتلەر جەھەتتىكى توسالغۇلارنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا تەرەپتىن ئىجابىي قەدەم تاشلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بىرىنچى قېتىملىقى 2005 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت، پېنتاگون بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدا تەيۋەنگە 6 يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە قورال – ياراق سېتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. بۇ قورال – ياراقلار، 30 دانە ھۇجۇمچى ئايروپىلان بىلەن 330 دانە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق راكېتا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.