ھىلارى كىلىنتون، تۈركىيىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
2009-02-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كىلىنتون، 5- مارتتا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرى ئەلى باباجان، ھىلارى كىلىنوننى، سەيشەنبە كۈنى تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيىگە تەكلىپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ھىلارى كىلىنتون 1-مارتتىن 7- مارتقىچە داۋام قىلىدىغان ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋرۇپا زىيارىتى كۈنتەرتىپىدە، بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن تۈركىيىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىكەن.
ھىلارى كىلىنتوننىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدە تۈركىيە ۋە بېلگىيىدىن باشقا، مىسىر، ئىسرائىلىيە، پەلەستىن، شۋېتسارىيە قاتارالىق دۆلەتلەرمۇ بار ئىكەن.