قىرغىزىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى
2009-02-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئامېرىكا – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى
قىرغىزىزستان پارلامېنتىنىڭ ئامىرىكىنىڭ بىشكېكتىكى ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقىۋېتىش قارارىنى ماقۇللىشى ھەققىدە
قىرغىزىستان پارلامېنتى، مۇشۇ ئاينىڭ 19 – كۈنى ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تاقىۋېتىش قارارىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. پايتەخت بىشكېكنىڭ سىرتىغىلا جايلاشقان ماناس ھەربىي بازىسى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن – بىر ھەربىي بازىسى ئىدى. ئايروپىلان بىلەن ئافغانىستانغا 1 يېرىم سائەت كېلىدىغان بۇ بازا، ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئۆتۈش ئېغىزى ئىدى.
قىرغىزىستان پارلامېنتى، مۇشۇ ئاينىڭ 19 – كۈنى ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە، ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتنىڭ تەلىۋىگە قاراپ چىقتى، ھەمدە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىۋى 2 گە قارشى 78 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. بۇ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش» دېگەن نام بىلەن، 2001 – يىلدىن كېيىن، رۇسىيىنىڭمۇ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ قۇرۇپ چىققان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەربىىي بازىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يەنە بىر ئېلېكتر مەنبەسى بولغان ئۆزبېكىستاندىكى خانئاباد ھەربىي بازىسىمۇ 2005 – يىلى تاقىۋېتىلگەنىدى. قارىماققا، ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىڭ سەۋەبى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تۆلىگەن ئىجارە سوممىسىنىڭ مىقتارىدەك قىلىدۇ. قىرغىزىستان دۆلەت رەئىسى قۇرمانبېك باقىيېۋ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بازا ئۈچۈن يېتەرلىك مىقتاردا ئىجارە ھەققى تۆلىمگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتتى. بۇ بولسا، ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەپ، دەپ قارالماقتا. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجارە ھەققى مىقتارى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماسلىقى نەتىجىسىدە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بۇ نۇقتىغا كېلىپ قالدى. قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتسنىڭ ئىجارە مىقتارىنى ئۆستۈرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى بولسا، سودىلىشىشنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى، دەپ قاراش مۇمكىن. بىراق، مۇشۇ ئاينىڭ 19 – كۈنىدىكى بېلەت تاشلاشتىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مەزكۇر بازىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللىنالىشى سەل قىيىندەك قىلىدۇ. چۈنكى، قىرغىزىستاننىڭ، كېلىشىمنامىگە ئاساسەن، بۇ ھەربى بازىنى بوشىتىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا 180 كۈنلۈك مۆھلەت بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. مەزكۇر قارارنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن دۆلەت رەئىسى قۇرمانبېك باقىيېۋ تەرىپىدىن ئىمزالىنىشى كېرەك.
ماناس ھەربىي بازىسى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يۆتكىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتاتتى، ھەمدە ئافغانىستاندىكى ۋەزىپە ئۆتەش رايونلىرىغا ھەر ئاي تەخمىنەن 15 مىڭ ئەسكەر بىلەن 500 توننا ماددىي ئەشيا مۇشۇ بازا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتاتتى. بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ كۆپ ئۆتمەيلا ئافغانىستان مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش توغرىلىق قارار ماقۇللىشى، ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانىدى. بۇنىڭغا يەنە تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان نوپۇزى ۋە خەيبەر چېگرا ئېغىزىدىن پايدىلىنىپ، پاكىستان ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ترانسپورت خىزمەتلىرىنىڭ ئاقساپ قېلىشى ئېلاۋە قىلىنغىنىدا، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى رەھبەرلىرى ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ ۋازكەچكىلى بولمايدىغان ۋە يېگانە بازا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى، يەرشارى خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قارشى كۈرەش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. گەرچە، قىرغىزىستان دۆلەت رەئىسى باقىيېۋ تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق، قارارنىڭ موسكوۋانىڭ قىرغىزىستانغا 2 مىليارد دوللارغا يېقىن كرېدىت ۋە ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغاندىن كېيىن چىقىرىلىشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا. ئامېرىكا پرېرزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئافغانىستانغا يۈزلىنىش قارارى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇدىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، نوپۇزىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى، دەپ تەھلىل قىلىنماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيىنىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رايون خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتلەر جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىگە چەك قويۇش سىياسىتى ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر بازا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن رايوندىكى ئىزدىنىشلىرى بولسا، يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى، دەپ ئانالىز قىلىنماقتا. دەرۋەقە، رايوندىكى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئامېرىكا ئارمىيىسى مەركىزىي قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى گېنېرال داۋىد پتروۋس ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ھازىردىن باشلاپلا ئۆزبېكىستاننىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىشقا باشلىدى.