بالقان دۆلەتلىرىنىڭ مائارىپچىلىرى ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولدى
2009-02-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: بالقان دۆلەتلىرىنىڭ مائارىپچىلىرى ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولدى.
تۈركىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى 9 دۆلەتتىكى ئۇيۇشما ۋەكىللىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ‹بالقان دۆلەتلىرى مائارىپ ئۇيۇشمىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى› ئۇيۇشتۇردى.
مائارىپ ئۇيۇشمىسى باشلىقى زۇبەيدە قىلىچ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا، خەلقئارا ئۇيۇشمىلار ئارا ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىننىڭ بۇ ساھەدىكى بىرىنچى قېتىملىق يىغىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە بۇ يىغىندا مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا تۈركىيە، گرېتسىيە (يۇنانىستان)، بۇلغارىيە (بۇلغارىستان)، رۇمىنىيە، سربىيە، قاراتاغ، ماكېدونىيە، بوسنا ھەرسەك ۋە سلوۋېنىيە قاتارلىق 9 دۆلەت ئىشتىراك قىلىدىكەن.