گوللاندىيىدە چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلاندا قازا قىلغانلارنىڭ 5 ئى تۈرك، 4 ئى ئامېرىكىلىق ئىكەن
2009-02-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: گوللاندىيىدە چۈشۈپ كەتكەن تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە) شىركىتىگە تەۋە ئايرۇپىلاندا قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە 5` ئى تۈرك، 4 ئى ئامېرىكىلىق ئىكەن.
كرىزىسنى جىددىي ھەل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى تىيو ۋېتېرڭس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئايرۇپىلاندىكى ئادەم سانىنىڭ دەسلەپكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلگىنىدەك 134 نەپەر بولماستىن، 135 كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ۋېتېرڭسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېىتمقى ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق، قازا قىلغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە كەڭ – جامەتچىلىككە ھازىرغىچە مەلۇمات بېرىلمىگەن، بۇنىڭدىن باشقا، 6 نەپەر ئېغىر يارىدارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى مۇنداق ئىكەن: 60 نەپەر گوللاندىيە پۇقراسى، 51 نەپەت تۈرك پۇقراسى، 1 نەپەر گېرمانىيە پۇقراسى، 7 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى، 3 نەپەر ئەنگىلىيە پۇقراسى، 1 نەپەر بۇلغارىستان (بۇلغارىيە) پۇقراسى، 1 نەپەر فىنلاندىيە پۇقراسى، 1 نەپەر ئىتالىيە پۇقراسى، 4 نەپەر ئىران پۇقراسى، 1 نەپەر سەئۇدىي ئەرەبىستان پۇقراسى ۋە 2 نەپەت سۈرىيە پۇقراسى.
2 نەپەر پولۇچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق ئىكەن.