جەمىل چېچەك قىبرىس مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
2009-02-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرى: قىبرىس مەسىلىسىگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرىمىز جەمىل چېچەك، «ھېچ كىشى قىبرىس تۈرك خەلقىنى ئۆز ـ ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ، دېگەن قورۇق خىياللاردا بولمىسۇن» دەپ سۆز قىلدى.
تۈركىيىنىڭ قېرىنداش ۋەتەنگە قىلىۋاتقان ياردىمى توختىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جەمىل چېچەك، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىنىڭمۇ ئىقتىسادىي كىرىزىسلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدار ۋە بىلىم ـ تەجرىبىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
شەرقى ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسېتىتى ئۇيۇشتۇرغان 2008 ـ ۋە 2009 ـ يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى تۈركىيە بىلەن شىمالى قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇل ئەربابلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى مەمەت ئەلى تەلەت، 45 يىللىق مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىنتايىن مەنىلىك ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا يالغۇز مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنىڭلا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلىتىمىز مىنىستىرى جەمىل چېچەكمۇ ئاتالمىش تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئاساسى، ئارالنىڭ ئەسلى ھەقىقىتى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى كۆسىتىدىغان سوغۇققانلىق لازىملىقىنى تىلغا ئالدى.
چېچەك، «ھېچ كىشى قىبرىستا ئىككى ئايرىم خەلق، ئىككى ئايرىم دېموكراتىيە ۋە ئىككى ئايرىم دۆلەت بارلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەگەر تىنچلىق ئىشقا ئاشىدىكەن، چوقۇم مۇشۇ ھەقىقەتلەر دائىرىسىدە ئىشقا ئېشىشى لازىم» دېدى.
دۆلىتىمىز مىنىستىرى جەمىل چېچەك، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىق ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا قىبرىس تۈركلىرىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە باياشاتلىقى ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ياردىمى توختىماي داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.