تۈرك دۇنياسىدىن خەۋەرلەر
2009-02-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈرك دۇنياسىدىن خەۋەرلەر
تۈرك تىلىنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس بىلىم خەزىنىسى، 4000 بەتلىك ناھايىتى چوڭ ھەجىملىك لوغەت توغرىسىدا
بۇ ھەپتىكى پروگراممىمىزنى تۈرك تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر مۇھىم خەۋەر بىلەن باشلايمىز. تۈرك تىلىنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس بىلىم خەزىنىسى، 4000 بەتلىك ناھايىتى چوڭ ھەجىملىك بىر لوغەتكە توپلىنىدۇ. تۈركىيە تىل – تەتقىقات ئورگىنى (TDK) تەرىپىدىن تەييارلانغان 570 مىڭ 723 سۆزلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىملىك تۈرك تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا نەشىرگە بېرىلىدۇ.
تۈركىيە تىل – تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ھازىرقى زامان تۈركچىسىگە ئائىت سۆزلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ‹تۈركچە چوڭ لۇغەت› تە TDK نىڭ ھازىرقى زامان تۈركچە لوغىتىدىكى 117 مىڭ سۆزلۈك بىلەن بىرگە، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت - سەنئەت ئاتالغۇلىرىدىن تارتىپ يەر ناملىرىغىچە، كىشى ئىسىملىرىدىن تارتىپ ئېغىز تىلىدىكى تۈركچە سۆزلۈكلەرگىچە بولغان بارلىق سۆزلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.
تۈركىيە تىل – تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە تەييارلانغان ئىلىم – پەن ۋە سەنئەت ئاتالغۇلىرى لوغىتى، تۈركىيە تۈركچىسى ئېغىز ئەدەبىياتى ئاتالغۇلىرى لۇغىتى، يەر ناملىرى لۇغىتى ۋە كىشى ئىسىملىرى لۇغىتىدىكى سۆزلۈكلەرمۇ لۇغەت تەركىۋىدىكى سۆزلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
تۈركىيە تىل – تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشلىقى پروفېسسور شۈكرۈ خالىق ئاقالېن، يىللاردىن بېرى بۇ ھەقتە خىزمەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ، تۈركىيە تىل – تەتقىقات ئورگىنىنىڭ لۇغەت تۈزۈش خىزمىتى بىلەن شۇ ئورگان قۇرۇلغان ھامان باشلانغانلىقىنى ۋە TDK تەرىپىدىن تۈزۈلگەن تۇنجى تۈركچە لۇغەتنىڭ 1945 – يىلى نەشىر قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. TDK تەرىپىدىن ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ئىلىم – پەن ۋە سەنئەت ئاتالغۇلىرى لوغىتى، تۈركىيە تۈركچىسى ئېغىز ئەدەبىياتى ئاتالغۇلىرى لۇغىتى، يەر ناملىرى لۇغىتى ۋە كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى قاتارلىق لۇغەتلەرنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئاقالىن، ھازىرقى زامان ئىنتىرنېت تۈركچە لۇغىتىنىمۇ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈرلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
بۇ چوڭ لۇغەتنىڭ ‹تۈرك تىلىنىڭ قىسقارتىلمىغان تولۇق لوغىتى› بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاقالىن، تۈركىيە تىل – تەتقىقات ئورگىنىنىڭ بۇ ھەقتە يىللاردىن بېرى ھارماي – تالماي خىزمەت ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ لوغەتنىڭ ھازىرقى زامان تۈرك تىلىنىڭ سۆزلۈكلەر خەزىنىسى بولىدىغانلىقى، بۇ لوغەتتىن ئىزدىمەكچى بولغان ھەرقانداق بىر سۆز تېپىشنىڭ تامامەن مۇمكىن ئىكەنلىكى› توغرىسىدا بۇ ئۇلۇغۋار خىزمەتنىڭ جەريانىنى ناھايىتى ئاممىباب ھالدا خۇلاسىلەپ بەردى.
3– نۆۋەتلىك غەربىي تراكيا تۈركلىرى تەتقىقاتلىرى قۇرۇلتىيى
غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ تارىخىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىنسان ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىلىرى ۋە مەدەنىي مىراسلار ئىلمىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىنغان «3 – نۆۋەتلىك غەربىي تراكيا تۈركلىرى تەتقىقاتلىرى قۇرۇلتىيى» گېرمانىيىنىڭ مېيونخىن شەھرىدە چاقىرىلدى. 2009 – يىلى 31 – يانۋاردىن 1 – فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا مېيونخىن باش ئەلچىسى، سۇتۇتگارت باش ئەلچىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى تەتقىقات ۋە مائارىپ باش دىرېكتورى ماھمۇت ئەۋقۇران بىلەن بىرگە چېچېنىستان ۋەكىلى تەكىن يىلماز، سانجاق ۋەكىلى ئادەم بالقان، بۇلغار تۈركلىرى ۋەكىلى رامىس رۇمئېلى قاتارلىقلار قاتناشتى. قۇرۇلتايغا يەنە گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئىراق، بوسنا – ھېرسېك، قازاقىستان، ئۇكرائىنانىڭ قىرىم جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيىنىڭ چېچېنىستان جۇمھۇرىيىتى، شۋېتسارىيە ۋە يۇنانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار ۋە بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەشكەن تەتقىقاتچىلار ئىشتىراك قىلدى. ئىلتىماس سۇنغان 73 نەپەر كىشى ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلغان 20 نەپەر ئالىم، ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىلمىي دوكلات ئىككى كۈن داۋاملاشقان قۇرۇلتاينىڭ 4 ئولتۇرۇشىدا سۇنۇلدى.
غەربىي تراكيا تۈركلىرى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى دوكتۇر ئۆزكان ھۈسەيىن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، يۇنانىستاندا ياشاۋاتقان يۇنان گراژدانلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا شەرتنامىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت ھەق – ھوقۇقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن دېموكراتىك جەھتتىكى كۈرەشلىرىگە ئىزچىل داۋام قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى، بۇ خىل قۇرۇلتايلارنى كەلگۈسىدە ئىشكەجە ۋە گۈمۈلجىنەدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىلىم دۇنياسىنىڭ قاتتىق قىزىقىشىنى قوزغىغان بۇ قۇرۇلتاينىڭ تۆتىنچى قېتىملىق يىغىنى 2011 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
قازاقىستان مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى گروگورى مارچېنكو، دوللارنىڭ ئورنىغا تەڭگىنى (قازاقىستاننىڭ مىللىي پۇل بىرلىكى) ئىشلىتىشكە قوشۇلماسلىق توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى
گروگورى مارچېنكو، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 4 – فېۋرالدىن ئېتىبارەن پۇل – مۇئامىلە سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مارچېنكو، بۇ دائىرىدە دوللارنىڭ ئورنىغا تەڭگىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەركىزى بانكا تەنگە بېسىۋاتقان بىردىن – بىر ئورگاندۇر. ئەگەردە ئىغۋاگەرلەر بىلەن كۈرەش قىلىشقا توغرا كەلسە، بازاردا تەڭگە بوشلۇقى پەيدا قىلىپ تاشقىي پېرېۋوتنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز مۇمكىن. بۇنى ھازرنىڭ ئۆزىدىلا ئىشقا ئاشۇرالايمىز.»
گروگورى مارچېنكو ئۆتكەن ھەپتە مەركىزى بانكىنىڭ دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلەنگەنىدى. مارچېنكونىڭ كرىزىس يۈز بەرگەن پەيتلەردە ۋەزيەتنى پۇختا كونترول قىلىشى ھەممىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. 1998 – يىلى رۇسىيە بوھرانىدىن كېيىن يەنە شۇ ۋەزىپىگە تەينلەنگەن مارچېنكو، ۋەزىپە ئۆتىگەن 5 يىل بويىچە كرىزىسكە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاقابىل تۇرغانىدى.
ئۇزۇندىن بۇيان، يەر شارى خاراكتېرلىك كرىزىسكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي 4 - فېۋرال كۈنى ئويلىمىغان يەردىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، قازاقىستان تاشقىي پېرېۋوت بازارلىرىدا دوللار بىلەن ياۋرو بىردىنلا يۈزدە 30 پىرسەنت ئۆرلەپ كەتتى. ئەركىن بازاردا 4 – فېۋرالغىچە 122 تەنگىدىن سېتىلىۋاتقان دوللارنىڭ باھاسى شۇ كۈنى بىردىنلا 160 تەڭگىگە، ياۋرومۇ 175 تەڭگىدىن بىراقلا 220 تەڭگىگە چىقىپ قالدى.
تۈرك دۇنياسىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرى ئۇكرائىنا تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى
بۇلتۇر ئارىمىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ قالغان قىرغىزىستانلىق يازغۇچىنىڭ 4 توملۇق تاللانما ئەسەرلىرى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىئېۋدە نەشىردى چىقتى. ئىگىلىشىمىزچە، تۈرك يازارلار ئارىسىدا ئۇكرائىنا تىلىغا ئەڭ كۆپ ئايتماتوۋنىڭ ئەسەسرلىرى تەرجىمە قىلىنغان.
ئاخىرىدا ئۆزبېكىستانغا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋىرىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز، قىممەتلىك دوستلار. ئۆزبېكىستاننىڭ بىردىن – بىر ترانسپورت شىركىتى بولغان ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 17 – يىللىقىنى، رۇسىيىدىن قالسا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك سوقۇش ئايروپىلانلىرىغا ئىگە ئىككىنچى شىركەت سۈپىتىدە تەبرىكلىدى. مۇستەقىللىقتىن كېيىن 1992 – يىلى 28 – يانۋار كۈنى سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىن قالغان ئايروپىلانلاردىن ئىبارەت ئىنتايىن ئاجىز ئايروپىلانلار بىلەن خىزمەتكە كىرىشكەن ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، قۇرۇلغىنىغا 17 يىل بولغاندا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى. ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسا ئۆزبېكىستان ھاۋا قاتنىشى جەھەتتىن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرق بىلەن غەرب ۋە جەنۇب بىلەن شىمال لىنىيىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىدا يېڭى كېسىشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشقا تىرىشىۋاتقان ئۆزبېكىستان، بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزبېكسىتاننىڭ تۇنجى ئەركىن سودا رايونى ئېچىلىدىغان نەۋائىدە ئۇنىۋېرسال خەلقئارا ئايرودوروم تەسىس قىلماقتا.
ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋالېرىي تيان، شىركەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يىلدىن – يىلغا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 2008 – يىلنىڭ ھەم پايدا ھەم يۈك ھەم يولۇچىلارنى توشۇش جەھەتتىن ئۆزلىرىگە نىسبەتەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن تيان، تۇنجى قېتىم توشۇغان يولۇچىلار سانىنىڭ 2 مىليۇندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى. تيان يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇستقۇرۇلمىسى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان نەۋايى ئايرودورومى ئۆزبېكىستاننىڭ ھاۋا قاتنىشىنى جانلاندۇرۇۋېتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، 2010 – 2017 – يىللىرى ئارىسىدا جەمئىي 16 يېڭى ئايروپىلان ئالىدىكەن، ھەمدە شىركەتنىڭ قول ئىلكىدىكى رۇسىيىدە ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.
دۇنيا بويىچە 25 دۆلەتكە قاتناۋاتقان ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، جەمئىي 50 كە يېقىن ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە قاتناش ئېلىپ بارماقتا.