ئامېرىكا: تۈركىيە زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىشتە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرلىمەكتە
2009-02-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، تۈركىيە ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشتە قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يىللىق خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز پۇللارنى قانۇنلۇقلاشتۇرۇش ۋە مالىيە جىنايەتلىرىگە قارشى كۆرەش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا، تۈركىيە غەربىي جەنۇبى ئاسىيادىن غەربىي ياۋروپاغا زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەشتىكى ئۆتۈش يولى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە باشقا قانۇنسىز ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشمەكتە.
دوكلاتتا يەنە، تۈركىيە ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشتە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرلەۋاتقانلىقىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەندى.
دوكلاتنىڭ ‹كەلگۈسىگە نەزەر› ماۋزۇلۇق بۆلۈمىدە، تۈركىيىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز پۇللارنى قانۇنلۇقلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قارشى كۈرىشىنى كۈچلەندۈرىشىگە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە ياردەم بېرىدىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىندى.