دان فرېيد: تۈركىيە بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاقلىقىمىز بار
2009-02-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرى: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دان فرېيد، ”PKK“ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ۋاشىنگىتوننىڭ تۈركىيە بىلەن پائال ھەمكارلىق ئورنىتىشى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتىكى يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئوخشاش ئاساسلارغا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ياۋرۇپا ۋە ياۋرۇ ئاسىيا مەسىلىلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دان فرېيد، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارى كلىنتوننىڭ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا رەسمىي باشلىنىدىغان ۋە تۈركىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەرگەن دوكلاتىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ، «تۈركىيە بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاقلىقىمىز بار» دېدى.
ئىراق زېمىنىدىن تۈركىيىدە قىلىنىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ تۈركىيەنى ئىنتايىن بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن فرېيد، «2007 ـ يىلى نويابىردا ”PKK“ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى پائال ھەمكارلىقنى باشلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن نېمىلا بولمىسۇن، ئىراققا دائىر ئارىمىزدىكى يىرىكچىلىكلەر ئۇزاق ئۆتمۈشكە ئايلاندى» دەپ سۆز قىلدى.
تۈركىيىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان فرېيد، «تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە بارلىق تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ۋە رولى ئىنتايىن چوڭ بىر دۆلەت، ھەمدە جەنۇبى كاپكازدىمۇ چوڭ رول ئوينىماقتا. تۈركىيە يەنە گۈرجىستان (گرۇزىيە)، ئەزەربەيجان، ئەرمەنىستان (ئەرمېنىيە) مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە يۇقىرى قاراباغ مەسىلىسى قاتارلىق نۇقتىلاردىمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىنتايىن يېقىن دوستىدۇر» دېدى.