تۈركىيە،يۇنانىستاندىكى ئۆي چېقىش ھەركىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى
2009-02-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمىز، يۇنانىستاننىڭ ئىستانكۆي ئارىلىدىكى ”ئاياللار جامائەت ئۆيى“ دەپ تونۇلغان بىنانىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمىز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سوتنىڭ رەسمىي قارارىنى كۈتمەستىنلا ئېلىپ بېرىلىغان بۇ ئۆي چېقىش ھەركىتىنى ھېچ بىر شەكىلدە ئىزاھلاش مۈمكىن ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، يۇنانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ناھەقچىلىكنىڭ ئورنىنى تولدۇرۈپ بېرىشى ئۈمىت قىلىنىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.