تارىق ھاشىمى: باراك ئوبامانىڭ باياناتى خوش خەۋەر
2009-03-01
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
ئىراقنىڭ مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى تارىق ھاشىمى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى 2010-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىغىچە چېكىندۈرۈپ چىقىش توغرىسىدىكى باياناتىنى كىشىگە خۇشاللىق بەرگۈچى خەۋەر دەپ، ئېيتتى.
ھاشىمى يەنە ئىراقنىڭ ئامېرىكىغا «بىر مۇددەت» ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.
ھاشىمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىراق قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن.
ھاشىمى ئاخىرىدا يەنە، «ئىراقتا بىر قانۇن دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېھتىياجىمىز بار. ئامېرىكىنىڭ بۇ ساھەدىكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر» دەپ بىلدۈردى