غەززە رايونىدا تونېل گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى
2009-03-01
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: غەززە رايونىدا تونېل گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى
غەەزە رايونىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ چۆكۈپ كەتكەن بىر تونېلدا 5 نەپەر پەلەستىنلىك قازا قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، غەززە رايونى چېگرا ئېغىزىدا بىر تونېل چۆكۈپ كېتىپ، 5 نەپەر پەلەستىنلىك قازا قىلغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خارابىلىكنىڭ ئاستىدا قالغان يەنە بىر پەلەستىنلىك بار ئىكەن.
ئىسرائىلىيە قاتتىق قامال قىلىۋالغان غەززە رايونىنىڭ مىسىر چېگرا ئېغىزىدىكى تونېللار، غەززە خەلقى ئۈچۈن ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ماددىي ئەشيالارنى مىسىردىن ئېلىپ كىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتۈش ئېغىزى ھېساپلىنىدۇ.
تونېللارنىڭ قورال – ياراق ئەسكەسچىلىكى ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسرائىلىيە، ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىنمۇ پات – پات ھۇجۇم قىلىپ تونېللارنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى زىيانغا ئۇچراتماقتا.
مىسىرمۇ مىسىر تەرەپتىكى تونېللارنىڭ ئېغىزلىرىنى تاقىۋالماقتا.
تەرجىمان: ئى. ئەمىن