يەمەندە دېڭىز پاجىئەسى
2009-03-01
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرى: يەمەن دېڭىز ساھىلىدا 45 سومالىلىق قانۇنسىز كۆچمەننى ئېلىپ يولغا چىققان كېمە چۆكۈپ كەتتى. ۋەقەدە كېمىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.
يەمەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، كېمىنىڭ يەمەن دېڭىز قىرغىقىغا 60 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ قارالغان ئۈچ كېمە خىزمەتچىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى يەمەنگە كىلىۋېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدىغان يۈزلىگەن ئافرىقىلىق كۆچمەن كېمىلىرىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى ياكى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىشى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقى، ئۆتكەن يىلى كۆپ سانلىقى سومالىلىقلاردىن تەشكىل تاپقان 44 مىڭ كىشىنىڭ قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق يەمەنگە كىرگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.