ئەلى باباجان: تۈركىيە ھەممىنىڭ كۆزىدە ئىشەنچىلىك دۆلەت
2009-03-01
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجان، تۈركىيىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەلى باباجان، پارتىيىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۆز قىلدى.
يېقىنقى 6 يىل مابەينىدە تۈركىيىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان باباجان مۇنداق دېدى، ` تۈركىيە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى`.
يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىنىڭ ھەممە ياقنى قاپلىغانلىقىنى، جۈملىدىن تۈركىيىنىڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان ئەلى باباجان سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى، ` دۇنيادا ` تۈركىيىنىڭ مەيدانى` ياكى `تۈركنىڭ مەيدانى` دېگەن بىر ئاتالغۇ كەڭ ئومۇملاشتى، بۇ ھەر قانداق كىشى تەرىپىدىن مەدھىيىلىنىدىغان بىر خىل ئەھۋال`.