ھامىد كارزايى مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى
2009-03-01
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋرى: ئافغانىستان جۇمھۇر رەئىسى ھامىد كارزايى، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشىدىغان 21-مايدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
ئافغانىستان جۇمھۇر رەئىسلىكى سارىيىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سايلامنىڭ جۇمھۇر رەئىسىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئاي بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى، ھەمدە كارزايىنىڭ سايلامنىڭ 21-مايدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلۈشى ھەققىدە پارلامېنت ۋە يەرلىك دائىرىلەر بىلەن كېلىشىمنامە تۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.
كارزايىنىڭ بۇ تەلىپى رەقىبى بولغان جۇمھۇر رەئىسى نامزاتى ئەشرەف گانى ئاخمەدزائى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىندى.
ئاخمەدزائى، سايلام تۇيۇقسىز قىلىنغان بىر قارار بىلەن بالدۇر ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىردە، باشقا نامزاتلارنىڭ سايلامغا تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئافغانىستان سايلام كومىتېتى، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن 20-ئاۋغۇست كۈنىنى سايلام كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندىمۇ، كارزايىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارىغا ھۆرمەت كۆرسىتىلىدىغانلىقى، ئەمما بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى كۆزدە تۇتۇلغاندا، سايلامنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.