بىر قىسىم ياردەم سۆيەر دۆلەتلەر غەززەگە ياردەم قىلىش مەقستىدە بىر يەرگە جەم بولدى
2009-03-01
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان غەززەگە بىر قىسىم دۆلەتلەر ياردەم قىلىش مەقسىتىدە بىر يەرگە بولدى.
ياردەم سۆيەر دۆلەتلەرنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززەنىڭ ئومۇمىي ئەسلىھەلىرىنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن مىسىردا بىر يەرگە جەم بولدى.
تۈركىيىمۇ ` غەززەنىڭ ئۇمۇمىي ئەسلىھەلىرىنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن پەلەستىنگە ياردەم` تېمىلىق يىغىندا، غەززە خەلقىگە ئۆزىنىڭ ياردەم سۆيەر بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، غەززەدە مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار مىسىرىنىڭ شارم ئەلشەيخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
غەززە خەلقىگە جىددىي ئېھتىياجلىق ماددى ئەشيالارنىڭ دەرھال ھەل قىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈركىيىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجان ئىشتىراك قىلىدۇ.
تۈركىيىنىڭ باشتىن – ئاخىر پەلەستىن داۋاسىنى قوللاش سىياسىتى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، غەززەنىڭ ئومۇمىي ئەسلىھەلىرىنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن 2 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ياۋرۇپا كومىتېتى 556 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىمۇ 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىلغان ئىئانە پۇللار ھاماس ھاكىمىيىتىگە بېرىلمەيدىكەن.