ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئىقتىسادىي كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە
2009-03-01
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.
ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا بۈگۈن چاقىرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىق روھىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش يوللىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمۈتسىزلىك كەيپىياتى ھەر ياقنى قاپلىغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقنىڭ باشقا ئەزالىرىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ` مىللىي ئىقتىسادىي سىياسەتنىلا تەشۋىق قىلىش` دېگەندەك پىلان – لايىھىلەرنى ئىجرا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان فرانسىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە چەكلىمە قويۇش ۋە تىزگىنلەش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە توختىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدە، ياۋرۇ رايونلىرىغا تەۋە بولۇپ قەرزلىرىنى تۆلىيەلمەيۋاتقان ئېرلاندىيە، يۇنانستان (گېرتسىيە)، ئاۋىسترىيە ۋە مىللىي پۇلىنىڭ قىممىتى تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلەۋاتقان لاتۋىيە، ماجارىستان (ۋېنگرىيە) ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتقۇزۇۋېلىشنى قاتارلىقلارمۇ بار.
ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، بۇ قېتىمقى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە بىلەن فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ، ياۋرۇ رايونلىرىغا تەۋە بولغان ئېرالاندىيە قاتارلىق قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنىشىغا ياردەم قىلىشلىرىغا دائىر مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.