تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 01.03.2009
2009-03-01
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
زامان گېزىتى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە قونۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلاندا ھاياتىنى يوقاتقان تۆت يولۇچىنىڭ تۈنۈگۈن يەرلىككە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە، ئايرۇپىلاننىڭ ئۈچ نەپەر لىيۇتچىكى ۋە بىر نەپەر خىزمەتچىسى ئۈچۈن تۈرك ھاۋا يوللىرى (تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى) ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ماتەم مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن تەزىيە نۇتۇقلىرىدا، ۋەقەدە شېھىت بولغان لىيۇتچىكلارنىڭ، ئايرۇپىلاندىكى 126 نەپەر يولۇچىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغانلىقى تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ۋەتەن گېزىتى، تۈركىيە لىيۇتچىكلار جەمئىيىتىنىڭ ئايرۇپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىدە تۈزۈمگە بويسۇنمىغان كونترۇل سۇپىسىنىڭ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئامېرىكا غەربىي شىمال ھاۋا يوللىرىغا تەۋە بويىن 757 تىپلىق ئايرۇپىلانىنىڭ قونۇش ئەسناسىدا پەيدا قىلغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئارقىدىكى ئايرۇپىلاننىڭ بەش مىل مۇساپىدا ساقلىتىلىشى لازىملىقىنى قەيت قىلغان جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ، ئامىستېردامدىكى كونترۇل سۇپىسىنىڭ تۈزۈمگە بويسۇنمىغانلىقى، چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلاننى بەش مىل مۇساپىسىدا ساقلاتماستىن پاجىئەگە سەۋەبچى بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلدى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتى، تېررورلۇقنى قوللىغان ۋە ياردەم قىلغانلارغا، تېررورلۇقنىڭ بىر كۈنى ئۇلارغىمۇ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنىڭ يۇنانستان (گېرىتسىيە) دا كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، يۇنانىستان (گېرىتسىيە) نىڭ خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن تاقاشقا قوشۇلمىغان لاۋىرون پاناھلىنىش لاگېرىدىكى PKK تېررورىستلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلىقى ۋە لاگېرغا مەسئۇل خادىملارنىڭ كىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مىللىيەت گېزىتى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزاسى روبېرت ۋېكسلېرنىڭ، تۈركىيە ۋە ئەرمىنىستان (ئەرمىنىيە) چېگرالىرىنىڭ ئېچىۋىتىلىدىغانلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، تۈرك-ئامېرىكا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە 17-فېۋرالدا ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغان ۋېكىسلېرنىڭ، تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا ئېلان قىلغان نۇتىقىدا، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ، ئەرمىنىستان (ئەرمىنىيە) پايتەختى ئەرىۋاندا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى كۆرۈشى بىلەن باشلانغان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگرالىرىنىڭ ئېچىلىشىغا قەدەر چېتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ساباھ گېزىتى، ئىستانبۇلدا يېقىنقى بەش يىلدا مەيدانغا كەلگەن ۋە ئۈچ چېچىنىستانلىقنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولغان قوراللىق ھۇجۇملارنىڭ، روسىيە جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بۇلتۇر سېنتەبىر ئېيىدا روسلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان گازھى ئەدىلسۇلتانوفنىڭ دىكابىر ئېيىدا چېچىنىستان ھەربىي قوماندانلىرىدىن ئىسلام جانىبەكوفنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، ئاخىرقى جىنايەتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا چېچىنىستانلىق ئەلى ئوسىيىفنىڭ كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئاخشام گېزىتى، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ، دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرزىسكە قارشى تاقابىل تۇرۇش يوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇننى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن تەستىقلانغان قانۇندا، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ئىشچى- خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.
رادىكال گېزىتى، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت شىمشەكنىڭ تۈركىيىنىڭ مۇستەھكەم بولغان ئىقتىسادىي ئاساسى سايىسىدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كرىزىس تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ ئەكسىچە، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر شىمشەكنىڭ « ئەگەر تۈركىيە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان بولسا ئىدى، ماجارىستان (ۋېنگرىيە)، سىربىستان (سېربىيە)، پاكىستان، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايتتى. ھەمدە قانداق شەرت قويۇلسا ئىمزالىغان بولاتتى. تۈركىيە كۈچلۈك بولغان ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى.» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، ئامېرىكىدا بانكىلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىدارىسىنىڭ ئىككى بانكىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، نېۋ ئارىلىدىكى Security Saving Bank بىلەن ئىللىنوئىس شتاتىدىكى Heritage Community Bank نىڭ دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغان بانكا سانىنىڭ 25 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.