ئامېرىكىنىڭ يېڭى دىپلوماتىيىسى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى
2009-03-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ۋە دىئالوگنى ئاساس قىلغان يېڭى تاشقى سىياسىتى بىر قاتار مەسىلىلەردە ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.
پرېزىدېنت باراك ئوباما، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستانغا يۆتكەشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ نەزىرى ئافغانىستانغا ئاغدۇرۇلدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلاري كلىنتون، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى (ناتو) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ئافغانىستان مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاپالىتى ئاستىدا، پاكىستان بىلەن ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار دۆلەتلەر ئىشتىراك قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىشنى تەكلىپ قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ سۆزلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئورتاق پرىنسىپلارنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت سۈپىتىدە قارىلىۋاتقان تەكلىپ بىلەن، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش پىلانلانماقتا.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى باش كاتىپى جاپ دې ھوپ چېفېر مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كلىنتون تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان يىغىننىڭ ئافغانىستاندا مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە بۇ دۆلەتنى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ جەننىتى بولۇشتىن قوتقۇزۇش ئۈچۈن، كۆپلىگەن كىشىلەر ئىشتىراك قىلىدىغان بىر قېتىملىق ‹چوڭ چېدىر يىغىنى› بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىككى يىلدىن بېرى، ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋە باشقا قوراللىق كۈچلەر كۈچلىنىپ قالغان ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇچرىغان زىيانلىرى كۆپىيىپ قالغان ئىدى.