ئەردوغان، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشى مەسىلىسىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى
2009-03-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشى مەسىلىسىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن كەچتە تېلېۋزىيە پروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلىپ، تۈركىيىنىڭ تاشقىي سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ بەردى.
ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتوننىڭ تۈركىيىدىكى زىيارىتىدە تىلغا ئالغان ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى مەرسىن، تاشۇغۇ ۋە ئىنجىرلىك قاتارلىق ھەربىي بازىلارنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىش مەسىلىسىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغاننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىراق خەلقى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى خالايدىكەن، تۈركىيىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ھەربىي ماشىنىلار ۋە لازىمەتلىكلەرنىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق بىر قارار يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ھازىرچە تۈركىيىدىن رەسمىي ياردەم تەلەپ قىلمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن